UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىچۈي يۈەن

چۈي يۈەن

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى ھەر قېتىم تاڭزۇڭزا چاغىنى كەلگەندە، جياڭنەن تەۋەسىدە زۇڭزا يەپ، ئەجدىھا قولۋىقى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان ئادەت بار، ئېلىمىز خەلقى ئۇلۇغ سىياسىيون ۋە ۋەتەنپەرۋەر شائىر چۈي يۈەننى خاتىرىلەپ موشۇنداق قىلىدۇ. چۈي يۈەننىڭ ئەسلىي ئىسمى پىڭ، «يۈەن» ئۇنىڭ تەخەللۇسى، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى340 - يىلى چۇ بەگلىكىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا، مول بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، كالېندارچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئەدەبىيات - سەنئەتكە دائىر نۇرغۇن ئەسەرنى تەشنالىق بىلەن ئوقۇغان. قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزىقچىلىقنى تىرىشىپ تەتقىق قىلغان.20 نەچچە ياش ۋاقتىدا، ئۇ چۇ بەگلىكىدىكى جى شېننىڭ شېئىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يازغان «توققۇز نەزم» پۈتۈن دۆلەتكە تارقالغان. چۈي يۈەننىڭ بىلىمى ۋە تالانتى چۇ بەگلىكىنىڭ پادىشاھى خۇەيۋاڭنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ، ئۇنى زوتۇ (ۋەزىردىن كىچىكرەك مەنسەپ) لۇققا تەيىنلىگەن. چۈي يۈەن ھاكىمىيەت ئىشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىسلاھات يۈرگۈزۈشنى، قابىل كىشىلەرنى ئىشقا قويۇپ، دۆلەت - خەلقنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۈيۈك ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. لېكىن، قانۇننى ئۆزگەرتىش ئەمدىلا باشلانغاندا، زىلەن باشچىلىقىدىكى چۇ بەگلىكى ئاقسۆڭەكلىرى گۇرۇھىنىڭ ئۆچمەنلىكى ۋە چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان، ئۇلار چۇ خۇەيۋاڭنىڭ ئالدىدا پىتنە تېرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان، ھاماقەت خۇەيۋاڭ پىتنە - پاساتلارغا ئىشىنىپ، چۈي يۈەننىڭ مەنسىپىنى چۈشۈرۈپ، «مەھرەمبېگى» (خان جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىبادەتخانىلاردا نەزىر - چىراغ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان قۇرۇق ئەمەل) قىلىپ قويغان. چۈي يۈەن مەنسىپى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، چۇ بەگلىكىنىڭ تەقدىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. چىن بەگلىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن، جاڭ يىنى ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ چۇ بەگلىكىگە ۋەزخانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەندە، چۈي يۈەن ئۆلۈمگىمۇ پەرۋا قىلماي ئوردىغا كىرىپ، خۇەيۋاڭغا ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. خۇەيۋاڭ چىن بەگلىكىگە يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ، چىنۋاڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارماقچى بولغاندا، چۈي يۈەن كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنى توسقان، لېكىن زىلەن گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. كېيىن، چىن بەگلىكى خۇەيۋاڭنى نەزەربەند قىلىۋالغان، ئۇ شيەنياڭدا ئۆلگەن. چۈي يۈەن ئىنتايىن ئازابلىنىپ، يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان چىڭشياڭۋاڭدىن قانۇننى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتىشنى، چۇ بەگلىكىنىڭ نومۇسىنى ئاقلىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن، چىڭشياڭۋاڭ خۇەيۋاڭدىنمۇ بەك ھاماقەت چىقىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن چىنپەرەسلەر كۈچلۈك كېلىپ، چىڭشياڭۋاڭنى چۈي يۈەننى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، خەن بېيگە سۈرگۈن قىلىشقا كۈشكۈرتكەن. چىن بەگلىكى چۇ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، پايتەخت يىڭدۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، چۇ بەگلىكى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن، چۈي يۈەن قاتتىق ئازابلىنىپ، مىلۇ دەرياسىغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان. چۈي يۈەن ئۆمرىدە نۇرغۇن شېئىر يازغان، «جۇدالىق زارى، توققۇز نەزم، تەڭرىگە سوئال، توققۇز باب» قاتارلىق25 پارچە ئەسىرى بار. «جۇدالىق زارى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، شۇنداقلا ئېلىمىز كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن لىرىك شېئىر. چىن قوشۇنى خەن بەگلىكىنىڭ شىمالىغا بېسىپ كىرگەندە، چۈي يۈەن قاچقان كىشىلەر بىلەن بىللە دۇڭتىڭخۇ كۆلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يۈەن دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا سەرگەردان بولۇپ، خۇنەننىڭ غەربىگە بارىدۇ، ئەڭ ئاخىردا قاڭقىپ چاڭشا ئەتراپىغا كېلىدۇ، ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە بۇئەسەرنى ئىجاد قىلىدۇ. ئەينى چاغدا چۈي يۈەن ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى چىن بەگلىكى يۇتۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە قاتتىق ئازابلىنىدۇ ۋە غەزەپلىنىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئەمدى ئوردىدا سىياسەت بەلگىلەپ، ۋەتەننى قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، شېئىر ئارقىلىق چۇ بەگلىكىنىڭ پادىشاھى خۇەيۋاڭنىڭ ھاماقەتلىكىنى، چىن بەگلىكىنىڭ رەھىمسىز زوراۋانلىقى ۋە ۋەتەن ساتقۇچ ئوغرىلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىدۇ؛ ۋەتەننىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتنى، خەلقنىڭ تارتقان ئازاب - ئوقۇبىتىنى خاتىرىلەپ، بۇ قانلىق تارىخىي ساۋاقنى ئەۋلادلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئېسىگە سالماقچى بولىدۇ. «جۇدالىق زارى» دا شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىزغىن ئىزدەنگەنلىكى ۋە ھارماي كۈرەش قىلغانلىقى ئىپادىلىنىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، شۇنىڭدەك ئاسىيلارغا نەپرىتى، ئۇلاردىن نومۇس قىلىدىغان يۈكسەك پاك پەزىلىتى ئىزھار قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ھەيۋەتلىك، قاينام - تاشقىن بولۇپ، تىپىك رومانتىك ئەسەر. «توققۇز باب» بۇ توققۇز شېئىرنىڭ ئومۇمىي نامى، ئۇنىڭدا چۈي يۈەن ئىككى قېتىملىق سۈرگۈن داۋامىدىكى كەچۈرمىشى، ئەھۋالى ۋە دەردلىك ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە ۋە لىرىك تۈسكە ئىگە. «تەڭرىگە سوئال» ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئاجايىپ ئەسەر. ئۇ تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە شەيئىلەرگە قويۇلغان سوئاللاردىن ئىبارەت. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان170 نەچچە سوئال ئىچىدە نۇرغۇن ئەپسانە، رىۋايەت ۋە قەدىمكى تارىخىي ماتېرىياللار ساقلانغان. «توققۇز نەزم» چۈي يۈەن خەلق ئىچىدىكى ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگەندە ئوقۇلىدىغان ناخشا ئاساسىدا، ئوردىنىڭ چوڭ كۆلەملىك نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگىنىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان نەزىر - چىراغ ناخشىسى. ئۇ تەسەۋۋۇرغا باي، تىلى گۈزەل، رومانتىك كەيپىياتقا تولغان. چۈي يۈەن ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزنىڭ رومانتىزملىق شېئىرلىرىنىڭ باشلىنىشى،«نەزمنامە» دىن كېيىنكى ئېلىمىزنىڭ شېئىرىيەت تارىخىدىكى يەنە بىر ئېگىز چوققا. چۈي يۈەن ئۆزىنىڭ ۋەتەننى، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى، چاقناپ تۇرغان پارلاق شېئىرلىرى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى