UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىخۇ شى

خۇ شى

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى ئەگەر «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ» نى رەتكە تىزىشقا توغرا كەلسە، خۇ شى (1891 −1962 - يىللار) بىرنەچچە تۈردە بىرىنچى بولغان بولاتتى. خۇ شى «4 - ماي» ئەدەبىيات ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ1917 - يىلى1 - ئايدا «يېڭى ياشلار» دا ئېلان قىلغان «ئەدەبىيات ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇھاكىمە» دېگەن ماقالىسى ئەدەبىيات ئىنقىلابىنى قوزغاشنىڭ تۇنجى بەلگىسى بولغان. خۇ شى يەنە خەلق تىلى بىلەن يېڭى شېئىرلارنى ئىجاد قىلىشنى ئەڭ بۇرۇن سىناق قىلغان شائىر، ئۇ1920 - يىلى نەشر قىلدۇرغان شېئىرلار توپلىمى »سىناق توپلىمى« جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ئاممىباب شېئىرلار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ.1918 - يىلى خۇ شى «ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش» نى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ بۇرۇن چىققان خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان دراما ئەسىرى. خۇ شى مەيلى نەزەرىيە تەشەببۇسىدا بولسۇن ياكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە بولسۇن، ئەدەبىيات ئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇش ۋە يېڭى ئەدەبىياتنى يارىتىشتا يول ئاچقۇچىلىق رول ئوينىدى، ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. خۇ شى «ئەدەبىيات ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇھاكىمە» دېگەن ئەسىرىدە ئەدەبىياتنى ئىسلاھ قىلىشتا سەككىز جەھەتتىن قول سېلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ماقالە يازغاندا تۇتاملىق گەپ قىلىش، قەدىمكىلەرنى دورىماسلىق، ئۇسلۇبنى تەكىتلەش، ئاغرىماي تۇرۇپ ۋايجانلىماسلىق، قېلىپلاشقان سۆزلەرنى كۆچۈرۈۋالماسلىق، قېلىپقا كىرىۋالماسلىق، تېما بىلەن مەزمۇننى قارىمۇقارشى قىلىپ قويماسلىق، ماقال - تەمسىل، قېلىپلاشمىغان خەتلەردىن قاچماسلىق كېرەك، دەپ قارىدى. خەلق تىلىنى كونا ئەدەبىي تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى، رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. «سىناق توپلىمى» دېگەن شېئىر توپلىمى بەدىئىيلىك جەھەتتە گەرچە تېخى نىسبەتەن گۆدەك بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى گەپلەردەك چۈشىنىشلىك، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن. دراما «ئۆمۈرلۈك ئىش» تا ھازىرقى زاماندىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلدى. پراگماتىزم پەلسەپىسىنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، خۇ شى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلمىدى، نۇرغۇن كۆزقارىشى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىدى. كېيىن ئۇ ئاساسلىق پائالىيىتىنى سىياسىي تەرەپكە بۇرىدى، لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، باشقا يولغا مېڭىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى