UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىئۈچ پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى

ئۈچ پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «ئۈچ پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى» نىڭ ئەسلىي نامى «ساداقەتمەن قەيسەر پالۋانلارنىڭ تەرجىمىھالى»، ئۇ پالۋانلارنىڭ چىگىش دېلو ۋەقەلىرى ھەققىدىكى رومان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ ئەسەرنى نام - شەرىپى نامەلۇم كىشى مەدداھ سەنئەتكار شى يۈيكۈن ئېيتىپ يۈرگەن «ئەجدىھا سۈرىتىنىڭ چىگىش دېلوسى» ۋە ئۇنىڭ يازما نۇسخىسى «ئەجدىھا سۈرىتى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىم» غا ئاساسەن يېزىپ چىققان. كىتاب120 باب. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن يۈي يۆ (1821 −1907 - يىللار) ئۇنى كۆپەيتىپ تۈزۈپ، «يەتتە پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى» نى يېزىپ چىققان. روماندا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باۋ جىڭنىڭ پالۋانلارنىڭ، ئادالەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە غەلىتە دېلولارنى تەكشۈرۈپ، ئۇۋاللىققا ئۇچرىغانلارنى ئاقلاپ، مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ، پۇقرالارنى ئارام تاپقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر يېزىلغان. كىتابتا قىلچە يۈز - خاتىر قىلمايدىغان، شەخسىيەتسىز، ھوقۇق ھەيۋىسىدىن قورقمايدىغان بىر پاك ئەمەلدارنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، ئەگرى - توقايلىقلار ئارقىلىق خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى باۋ گۇڭنىڭ ئۇۋالچىلىقنى ئاقلىشى، «پاڭيۈنى جادۇغا بېسىش»، «ۋاسسال بەگنى يوقىتىش» قاتارلىق ۋەقەلىكلەردە فېئودال ھاكىمىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە پاش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش روھىنى ئىپادىلىگەن. كىتابتا نۇرغۇن مەرد پالۋانلارنىڭ پائالىيەتلىرى قىستۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ياردەم بېرىدىغان ئادالەتپەرۋەرلىكى ئىپادىلەنگەن ھەم ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلارغا ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ماھىيىتى ئىپادىلەنگەن. «بەش پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى» نىڭ سۇژىتى مۇرەككەپ ۋە ئەگرى - توقاي، ئەمما، رەتلىك، ئېنىق، تىلى ئاممىباب، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن بۇيانقى مەدداھلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق، تېتىك، توغرىدىن - توغرا، چۈشىنىشلىك بولغان ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىپ، كېيىنكى چىگىش دېلولار توغرىسىدا يېزىلغان رومانلارغا كەڭ تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكى «بەش كىچىك مەرد، بەش كىچىك مەردنىڭ داۋامى، سەككىز چوڭ ئادالەتپەرۋەر قەھرىمان، سەككىز كىچىك ئادالەتپەرۋەر قەھرىمان» قاتارلىق كىتابلارنىڭ داۋاملىشىپ، كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ئۈچ پالۋاننىڭ مۇرۇۋۋىتى | UyghurWiki | UyghurWiki