UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىياڭ قەسرى ھەققىدە قىسسە

ياڭ قەسرى ھەققىدە قىسسە

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «ياڭ قەسرى ھەققىدە قىسسە» نىڭ تولۇق نامى «ياڭ قەسرىنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە ساداقەتمەنلىكى ھەققىدە ئاممىباب قىسسە»، ئاپتورى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن كىشى. مەزمۇنى «ياڭ ئائىلىسىدىكى پالۋانلار» بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. كىتاب سەككىز جىلد،58 باب، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى ياڭ يېنىڭ قىتانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قورشاۋغا چۈشۈپ قالغانلىقى، بۇرچ ۋە ۋىجدان يولىدا ئابىدە تاشقا ئۈسۈپ قۇربان بولغانلىقىدىن باشلاپ،12 تۇل خوتۇننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىپ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە بىلەن قايتىپ، تەيخاڭشەنگە كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئارىلىقتا ياڭ جىييې، ياڭ يەنجاۋ، ياڭ زۇڭباۋ، ياڭ ۋېنگۇاڭ، ياڭ خۇەييۈي بەش ئەۋلاد سانغۇننىڭ جەڭدىكى تۆھپىلىرى قىستۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭ ئائىلىسىدىكى ئايال پالۋانلار تېخىمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلىنىپ، مو گۇييىڭ ۋەكىللىكىدىكى نۇرغۇن ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئەسەردە سۇڭ پادىشاھى جىنزۇڭنىڭ ھاماقەتلىكى، پەن رىنمېينىڭ ھىيلىگەرلىكىمۇ مەلۇم دەرىجىدە پاش قىلىنغان. گەرچە روماندىكى ۋەقەلىكتە ئەل ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر كۆپرەك ئىشلىتىلگەن، تارىخ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەنلەردىن خېلى يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، ھوقۇقدارلار ۋە ئاسىيلارنى ئەيىبلەش، سادىق قۇربانلارنى مەدھىيىلەش باش تېمىسى ئەينى چاغدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەچكە، خەلققە بەك يارىغان. «ياڭ قەسرى ھەققىدە قىسسە» نىڭ تىلى ئاممىباب، ساددا، تەسىرلىك، جانلىق، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پۇرىقى كۈچلۈك. پېرسوناژلار ئوبرازى ئېنىق، بولۇپمۇ ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى شۇنداق، بۇ جۇڭگونىڭ پروزا تارىخىدا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ياڭ قەسرى ھەققىدە قىسسە | UyghurWiki | UyghurWiki