UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىنەزمنامە

نەزمنامە

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «نەزمنامە» ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بالدۇرقى شېئىرلار توپلىمى. ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىكى يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى ئېلىمىز، ھەتتا دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ ئۆچمەس نۇر چاچماقتا. «نەزمنامە» ئەسلىدە نەزملەر دەپلا ئاتالغان، ئۇنىڭغا311 پارچە شېئىر(6 پارچىسىنىڭ تېمىسىلا بار، شېئىرى يوق) كىرگۈزۈلگەن، شۇڭا، «300 نەزم» دەپمۇ ئاتالغان. كۇڭزى «300 نەزم» نى ئەخلاق تەربىيىسى دەرسلىكى قىلغانىدى، كېيىنكى كۇڭزىچىلار ئۇنى دەستۇر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن «نەزمنامە» دېگەن نام كېلىپ چىقتى. «نەزمنامە» دىكى شېئىرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىسى تەخمىنەن غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئەڭ كېيىنكىسى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغان، ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە ئەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگونىڭ مۇزىكا ۋە شېئىرىيىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنىدى، جۇۋاڭ جەمەتى ۋە ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ مۇزىكانتلىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ھەرقايسى رايونلار ۋە ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ ھەم رەتلەپ، مۇزىكىغا سېلىپ ئىشلەتكەن. ئەمىنىيە دەۋرىگە كەلگەندىن كېيىن، گەرچە جەمئىيەت تىنچسىز، ئۇرۇش ئاپەتلىرى ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالمىغان. »نەزمنامە« مانا مۇشۇنداق ئۇزاق ۋاقىت توپلاش ئارقىسىدا، كۇڭزىنىڭ تەھرىرلەپ، تۈپلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. »نەزمنامە«دە مۇزىكىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، ئەسەرلەر «خەلق ئاھاڭلىرى، ئوردا ئاھاڭلىرى، قەسىدە ئاھاڭلىرى» دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلغان. خەلق ئاھاڭلىرىغا يەرلىك پۇراققا ئىگە مۇزىكىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپ قىسمى خەلق ناخشىلىرىدىن تەركىب تاپقان. خەلق ئاھاڭلىرى جەمئىي160 پارچە، ئۇ جەنۇبىي جۇ، جەنۇبىي جاۋ، بېي، يۇڭ، ۋېي، ۋاڭ، جېن، خۇي، چى، ۋېي، تاڭ، چىن، بىن، چېن، ساۋدىن ئىبارەت15 رايون ۋە بەگلىكنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەسىلەن، »جېن ئاھاڭلىرى« جېن بەگلىكىنىڭ مۇزىكىلىرىدىن، چېن ئاھاڭلىرى چېن بەگلىكىنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ئىبارەت. »ئوردا ئاھاڭلىرى« جۇ خانىدانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئوردا ئاھاڭلىرى دېگەننىڭ يەنە «ساپ» دېگەن مەنىسى بار، بۇ مۇزىكىلار «ساپ سادا» دەپ قارىلىپ، باشقا رايونلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئوردا ئاھاڭلىرى چوڭ نەزم، كىچىك نەزملەرگە بۆلۈنىدۇ، جەمئىي105 پارچە، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى خانىدانلىقنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئوردا مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، ئاز قىسمى خەلق ناخشىلىرى. قەسىدە ئاھاڭلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئائىلە ئىبادەتخانىلىرىدا ئەرۋاھلارغا نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگەن، ئاتا - بوۋىلىرى ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن چاغلاردا ئورۇندايدىغان مۇزىكىلار، ئۇ يەنە «جۇ قەسىدىسى ئاھاڭلىرى، لۇ قەسىدىسى ئاھاڭلىرى ۋە شاڭ قەسىدىسى ئاھاڭلىرى» دەپ 40 پارچىغا بۆلۈنىدۇ. «خەلق ئاھاڭلىرى» قىسمى «نەزمنامە» نىڭ مېغىزى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى چاغدىكى خەلقنىڭ ئېغىز ئىجادىيىتى، ئۇلاردا ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ قىياپىتى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىنىپ، خەلقنىڭ ئېزىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ھۆرلۈككە، بەختكە، غايىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسى ۋە تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «نەزمنامە» ئاساسەن تۆت بوغۇملۇق شېئىرنى ئاساس قىلغان، ئۇ شېئىرىيەت تەرەققىياتى جەريانىدىكى ئىپتىدائىي شەكىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلەش شەكلىنى بۇرۇنقى كىشىلەر فۇ، بى، شىن دەپ يىغىنچاقلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، بى، شىن شەكىللىرى ئېلىمىز قوشاقلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى دەۋرلەردىكى شېئىر ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى