تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر سەككىز ئەدىب
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن سەككىز ئەدىب» دېگىنى ئېلىمىزنىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن سەككىز داڭلىق نەسر يازغۇچىلىرىنىڭ قوشۇپ ئاتالغان نامى، ئۇلار تاڭ دەۋرىدىكى خەن يۈ، ليۇ زۇڭيۈەن، سۇڭ دەۋرىدىكى ئوۋياڭ شيۇ، سۇ شۈن، سۇ شى، سۇ جې، ۋاڭ ئەنشى ۋە زىڭ گۇڭ.
ئەڭ بۇرۇن بۇ سەككىز ئەدىبنىڭ نەسر ئەسەرلىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ بېشى، جۇ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۈزۈلگەن «سەككىز ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» غا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن، كېيىن تاڭ شۈنجى «ئەدەبىي ئەسەرلەر» دېگەن كىتابقا تاڭ، سۇڭ دەۋرىدىكى بۇ سەككىز يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ تاللاپ كىرگۈزگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەدىمكى ئەدەبىياتشۇناس ماۋ كۈن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاساسىدا تېخىمۇ رەتلەپ ۋە تاللاپ، تۈزۈپ «تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن سەككىز مەشھۇر ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىدىن» دەپ ئاتىدى، جەمئىي160 جىلد. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇلار «تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن سەككىز مەشھۇر ئەدىب» دەپ نام ئالدى.
تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن سەككىز مەشھۇر ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلىش مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭقۇر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىدى. مىڭ دەۋرىدە «ئالدىنقى يەتتە زات»، «كېيىنكى يەتتە زات» ۋەكىللىكىدىكى كونىنى تىرىلدۈرۈش ئېقىمى ئەدەبىيات ساھەسىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، «نەسرىي ئەسەرلەر جەزمەن چىن، خەن سۇلالىلىرىدىكىدەك بولۇشى، شېئىرىيەت جەزمەن تاڭ سۇلالىسىدىكىدەك بولۇشى لازىم» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، نەسر ئىجادىيىتىدە تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن بۇيانقى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەنئەنىنى چۆرۈۋېتىپ، كونىنى تىرىلدۈرۈش يولىغا ماڭدى. بۇنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئەدىب، ئالىملار نەسر ئىجادىيىتىدە چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكىگە تەقلىد قىلىدىغان بولدى، ئەسەرلىرى جانسىز، ساختا ئاسار ئەتىقە بولۇپ چىقتى. ئالدىنقى، كېيىنكى يەتتە زاتقا ئۆكتە قوپقانلاردىن ۋاڭ شىنجۇڭ، تاڭ شۈنجى، ماۋ كۈن، گۇ يۈگۇاڭ قاتارلىقلار تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ نەسرلىرى چىن، خەن سۇلالىلىرىدىكى قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسى، ئۇلارنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەپ ھەم ئۆزلىرى قول سېلىپ، تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىبلەر نەسرلەر تاللانمىسىنى تۈزۈپ چىقاردى.
بۇ سەككىز ئەدىبنىڭ ئەدەبىياتتىكى كۆزقارىشى بىرقەدەر يېقىنلىشىدۇ، ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، جۈپلۈك شەكلىگە قارشى تۇرغان بولغاچقا، نەسر ئىجادىيىتىدە ئۇلار ھەممىسىلا ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، شۇڭا، «تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن سەككىز مەشھۇر ئەدىب» دېگەن نام ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، كېيىنكىلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىپ، ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەخسۇس ئىسىمغا ئايلىنىپ قالدى.