ۋاڭ ۋېي
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
سۇ شى: «شېئىرىدىن سۈرەت چىقىدۇ»، «سۈرەتلىرىدىن شېئىر چىقىدۇ» دەپ ماختىغان تاڭ دەۋرىدىكى شائىر ۋاڭ ۋېي شېئىر ئىجادىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا قالماستىن، يەنە رەسىم سىزىشقىمۇ ماھىر، مۇزىكىغىمۇ ئۇستا ئىدى، ئۇ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى كۆپ تەرەپلىمە تالانتى بار شائىر.
ۋاڭ ۋېي (701؟ −761 - يىللار)نىڭ دەسلەپتە تۇرمۇشى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، لېكىن ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتكەن. توپىلاڭ تىنچىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنسىپى بىر مەزگىل تۆۋەنلەپ كەتكەن، كېيىن يەنە دىۋانبېگى ئوڭ قول ۋەزىرى بولغان، شۇڭا، كېيىنكىلەر ئۇنى «ئوڭ قول ۋەزىر ۋاڭ ۋېي» دەپ ئاتاشقان.
ۋاڭ ۋېينىڭ ئىدىيىسىنى جاڭ جيۇلىننىڭ ۋەزىر بولۇشىنى چەك قىلىپ، ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئالدىنقى دەۋردىكى ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىيپەرۋەر سىياسىيغا ئىنتىلىش ئەكس ئېتىپ، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى بەزى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىنقى دەۋردە بەزى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يازغان. مەسىلەن، «تۆت دانىشمەنگە بېغىشلاپ، پېشقەدەم ئەسكەر، ئوۋ كۆرۈش، چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا، ئۆسمۈرلۈك» قاتارلىقلارنىڭ ئۇسلۇبى كۈچلۈك، كەيپىياتى جۇشقۇن، تۆھپە قوشۇش ئىدىيىسى بىلەن رېئاللىقنى تەنقىد قىلىش روھىغا تولغان. كېيىنكى دەۋردە توپىلاڭغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن، سىياسىي جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بارغانسېرى چۈشكۈنلەشكەن، بۇددا دىنى ۋە تاغ - دەريالاردىن مەدەت تىلىگەن، شېئىرلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ بىرقەدەر چۈشكۈنلىشىپ، پوزىتسىيىسى سوغۇقلىشىپ كەتكەن.
ۋاڭ ۋېينىڭ شېئىرلىرىدىن400 نەچچە پارچىسى ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ تاغ - دەريالارنى، ئېتىز - ئېرىقلارنى تەسۋىرلىگەن ۋە تەركىدۇنيا تۇرمۇشنى كۈيلىگەن شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ شېئىرلارنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ناھايىتى يۇقىرى. ۋاڭ ۋېي تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىكى تاغ - دەريا، ئېتىز - ئېرىق شېئىرلىرى ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى. «ۋېيخې دەرياسى بويىدىكى دېھقان، جەنۇبىي تاغدا ئاخىرلىشىش، تاغلىق يېزىنىڭ كۈز مەنزىرىسى» قاتارلىقلار كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ئەسەرلەر.
ۋاڭ ۋېي ئېتىز - ئېرىق شېئىرلىرىدا نەرسىلەرنىڭ ئوبراز ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇشقا ھەم شېئىر، رەسىم، مۇزىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەنىۋى مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا» دېگەن شېئىرى باشتىن - ئاخىر ناھايىتى ھەيۋەتلىك يېزىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «كى ئۇزۇن دەرياغا دۈگىلەك كۈن پاتار، چۆل ئارا گۈلخان يانار، ئىس پۇرقىراپ» دېگەن مىسرالىرىدا مەنزىرە ئاجايىپ چىرايلىق تەسۋىرلەنگەن. «تۇرادىن چىقتىم» دىكى «گۇگۇم مەھەل ئات چاپتۇردۇم قۇملۇقتا مەن، كۈزدە ئاسان شۇڭقار ئوۋلاش تۈزلەڭلىكتە» دېگەن مىسرالىرىدا كەيپىيات ناھايىتى تېتىك. سۇ شى: «شېئىرلىرى شۇنچە يېقىملىق، شېئىر ئىچىدىن سۈرەت كۆرۈنەر، سۈرەتلىرىنى كۆرگەندە كىشى، سۈرەتلەردىن شېئىر تۆكۈلەر« دەپ، ۋاڭ ۋېينىڭ تاغ - دەريا ھەققىدىكى شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ۋاڭ ۋېي رەسىم سىزىشتىمۇ ناھايىتى ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۇ تاغ - دەريا، گۈل - گىياھ، قۇش، ئادەملەرنىڭ ھەرقاندىقىنى سىزىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى، تاغ - دەريالارنى سىزىشقا ئالاھىدە ئۇستا ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۇڭ چىچاڭ ئۇنى ھۆرمەتلەپ، تاغ - دەريالارنى سىزىدىغان «جەنۇب ئېقىمى» نىڭ پېشۋاسى، دەپ ئاتىغان ھەم «ئەدىبلەرنىڭ رەسىم سىزىشى ئوڭ قول ۋەزىر ۋاڭ ۋېيدىن باشلانغان» دېگەنىدى.