ئۈچ پاراڭ، ئىككى شاپىلاق
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئېغىز تىلىدا يېزىلغان ھېكايىلىرى ئەسلىدە سەنئەتكارلارنىڭ مەدداھلىق قىلىدىغان قىسسىلىرى سۈپىتىدە ئەل ئىچىگە بالدۇرلا تارقىلىپ كەتكەنىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بىر قىسىم ئەدىبلەر ئەجدادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلگەن قىسسىلەرنى تەھرىرلەپ، پىششىقلاپ چىقتى ھەم قىسسىلەرنى دوراپ ھېكايە قىلىپ يېزىشقا باشلىدى، يەنە كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بېسىپ، تارقىتىشى ئارقىلىق ئېغىز تىلىدا يېزىلغان ھېكايىلەر ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلام ئامما ئارىسىدا نۇرغۇن تەسىر قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۈچ پاراڭ» ۋە «ئىككى شاپىلاق» ناملىق ئېغىز تىلىدا يېزىلغان ئىككى ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ زور بولدى.
«ئۈچ پاراڭ» مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فېڭ مېڭلۇڭ (1574 −1646 - يىللار) تۈزگەن «يۈي شىمىڭ ھەققىدە پاراڭ، جىڭ شىتۇڭ ھەققىدە پاراڭ، شىڭ شىخىڭ ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ئۈچ ھېكايىلەر توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىرىدە40 پارچىدىن، جەمئىي120 پارچە ھېكايە بار. ھەربىر كىتابنىڭ نامىدا بىر «پاراڭ» دېگەن گەپ بولغاچقا، ھەممىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ »ئۈچ پاراڭ« دەپ ئاتالغان. «ئىككى شاپىلاق» مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىن مېڭچۇ (1580 −1644 - يىللار) «ئۈچ پاراڭ» نىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە يازغان «تۇنجى رەت ئۈستەلنى شاپىلاقلاپ ھەيران قېلىش»، «ئىككىنچى رەت ئۈستەلنى شاپىلاقلاپ ھەيران قېلىش» ناملىق ئىككى ھېكايىلەر توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ، ھەربىرىدە40 پارچىدىن، جەمئىي80 پارچە ھېكايە بار. «ئىككى شاپىلاق» دېگەن ناممۇ ئىككى كىتابنىڭ نامىدىكى «شاپىلاق» دېگەن سۆزدىن ئېلىپ قويۇلغان.
«ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» تا تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق يىگىت - قىزلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا يېتىش ئارزۇسى تەسۋىرلىنىپ، فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ياشلارغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقىغا زەربە بېرىلىپ، شەھەر ئاھالىسى قاتلىمىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان مۇھەببەت كۆزقارىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «جياڭ شىن ئاكىنىڭ مەرۋايىت كۆڭلەك بىلەن قايتا ئۇچرىشىشى»، «ماي ساتقۇچىنىڭ داڭلىق پاھىشىنى يالغۇز ئىگىلىۋېلىشى»، «جىن يۈنۇنىڭ ۋاپاسىز يىگىتنى كالتەكلىشى»، «دۇ شىنياڭنىڭ غەزەپتە گۆھەر ساندۇقىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىشى» قاتارلىقلار بار. «دۇ شىنياڭنىڭ غەزەپتە گۆھەر ساندۇقىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىشى» ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋىرى، شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئېغىز تىلىدا يېزىلغان ھېكايىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىرى ھېسابلىنىدۇ.
«ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» تا ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ مەردلىكنى چوڭ بىلىپ، مال - دۇنياغا بېرىلمەسلىك ئىستىلى ۋە پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن شەھەر ھۈنەر - سودىسىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە شەھەر خەلقى قاتلىمىنىڭ زورايغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى، جەمئىيەت ئىستىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئېچىپ بېرىلىدۇ. نادىر ئەسەرلەردىن «ئامەتلىكنىڭ دۇڭ تىڭخۇڭغا ئۇچراپ قېلىشى»، «شىرۈننىڭ سازلىق ساھىلدىكى راۋاقتا دوستىنى ئۇچرىتىشى» قاتارلىقلار بار.
بۇ بىرنەچچە كىتابتا يەنە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچىدىكى كۈرەشلەر يېزىلىپ، خەلقنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايەتلىرىنى غەزەپلىك ئەيىبلىشى ئىپادىلەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلەردىن «لۇ تەينىڭ شېئىر ئۆگىنىپ، كەيپلىكتە بەگنى مەنسىتمىگەنلىكى، شىن شياۋشيانىڭ ئۇچراشقاندا ئۈلگە بولۇشى، كەچتە باغنى سۇغىرىۋېتىپ پەرىزاتقا ئۇچراش» قاتارلىقلار بار. «ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» تا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فېئودالىزم جەمئىيىتىدىكى پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىۋاتقانلىقى ۋە شەھەر ئاھالىسى قاتلىمىنىڭ تەدرىجىي پەيدا بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائىي ھادىسە ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى خەلققە ئومۇميۈزلۈك ياققانىدى.
«ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» تا بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ نۇرغۇن يېڭى بۆسۈشلەر بولدى. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى قىسسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلاردا تەسۋىر تېخىمۇ تەپسىلىي بولدى ھەم پسىخىكىلىق سۈرەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، قۇرۇلمىسىمۇ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، سۇژىتى تېخىمۇ ئەگرى - توقاي، تەسىرلىك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر جۇڭگونىڭ ھېكايە خەزىنىسىدىكى ئەتىۋارلىق ئەسەرلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئوقۇشقا ۋە تارقىلىشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، گۇ سۇباۋ ئاقساقال «ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» نى يەنىمۇ تاللاپ چىقىپ، «بۈگۈنكى ۋە قەدىمكى ئاجايىپ ئىشلار» قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ تارقالغان قەدىمكى زامان ئېغىز تىلىدا يېزىلغان ھېكايىلەردىن تاللانما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بارلىق قەدىمكى زامان ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئوخشاش، «ئۈچ پاراڭ»، «ئىككى شاپىلاق» مۇ دېموكراتىيە، ئالغا بېسىشنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدا فېئودال، قالاق نەرسىلەرمۇ بار. بەزى قىسىم، بابلاردا شەھۋانىي تەسۋىرلەر، ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق يانىدۇ، دېگەن قاراش ۋە فېئوداللىق تەلىماتلارمۇ بېرىلگەن.