ئومۇمىي تاڭ شېئىرلىرى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«ئومۇمىي تاڭ شېئىرلىرى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تۈزۈلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىرلار توپلانغان بىر شېئىرلار توپلىمى. پۈتۈن كىتاب900 جىلد، مۇندەرىجىسى12 جىلد، ئۇنىڭغا تاڭ، بەش دەۋر شېئىرلىرىدىن48 مىڭ900 شېئىر،2200 نەچچە ئاپتور كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگودا «ئومۇمىي تاڭ شېئىرلىرى» دەك نۇرغۇن شېئىر ۋە ئاپتور كىرگۈزۈلگەن توپلام تېخى يوق.
بۇ كىتابنى تۈزۈشنى ئەڭ بالدۇر ئويلىغان كىشى چىڭ سۇلالىسى خانلىرىنىڭ بوۋىسى شۇەنخۇا ئىدى.1705 - يىلى ئەتىيازدا، شۇەنخۇا5 - قېتىم جەنۇبنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە بۇ ۋەزىپىنى جياڭنىڭدىكى توقۇمىچى ساۋ يىنگە تاپشۇرغان. ساۋ يىن پېڭ دىڭچيۇ، شىن لىزېڭ، ياڭ جۇڭنا قاتارلىق ئون ئادەمنى تەكلىپ بىلەن بۇ ئىشقا قاتناشتۇرۇپ، كېيىنكى يىلى10 - ئايدا پۈتۈن كىتابنى تۈزۈپ پۈتكۈزگەن. كىتابتا: خان، ۋاڭ، خانىش، توقال خانىشلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان، ئۇنىڭدىن قالسا نەزملەر تىزىلغان، ئۇنىڭ كەينىدىن تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى تىزىلغان. شائىرلار دەۋرىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى بويىچە تىزىلىپ، قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا تاڭ، بەش دەۋردىكى شېئىر - بېيىتلار كىرگۈزۈلگەن. مەزمۇنى كۆپ، تۈزۈش ۋاقتى بەك قىس بولغاچقا، كىتابتا خاتالىقلار، چۈشۈپ قالغان، تەكرارلانغان ئەھۋاللار، شۇنىڭدەك «ئۇنىڭ بۆكىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويىدىغان»، رەت تەرتىپى قالايمىقان بولىدىغان، دەلىللەشتە بىخەستەلىك قىلىدىغان مەسىلىلەر كۆپ كۆرۈلگەن. گەرچە شۇنداق نۇقسانلار بولسىمۇ، «ئومۇمىي تاڭ شېئىرلىرى» يەنىلا بىرقەدەر مۇكەممەل تاڭ شېئىرلىرى مەجمۇئەسى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدا تاڭ دەۋرىدىكى شېئىرىيەتنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى خېلى ئەتراپلىق ئەكس ئەتكەن.
«ئومۇمي تاڭ شېئىرلىرى» نى تېخىمۇ مۇكەممەل، توغرا قىلىش ئۈچۈن،1960 - يىلى قايتىدىن تۈزۈپ نەشر قىلىنىپ، بەزى روشەن خاتالىقلار تۈزىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «ئومۇمىي تاڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى» نەشر قىلىندى.