ئوۋياڭ شيۇ
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىر ئۇسلۇبى ئىسلاھاتى جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئەدەبىي ئۇسلۇب ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوۋياڭ شيۇ (1007 −1072 - يىللار) مۇشۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ داھىسى.
ئوۋياڭ شيۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەن يۈگە ئوخشاش، ماقالىدا مەزمۇن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، مەزمۇن يەنە ماقالە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ ماقالە ئەمەلىي قوللىنىشقا بىرلەشتۈرۈلۈشى، قۇرۇق گەپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ماقالە رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، سىياسىيغا خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە كېيىن يېتىلىۋاتقان قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى پائال يۆلىگەن، سۇ شۈن، سۇ شى، سۇ جې ئاتا - بالا ئۈچىسىلا ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ داھىيسى.
ئوۋياڭ شيۇنىڭ شېئىر، ماقالە، نەسرلىرى ناھايىتى داڭلىق. ئۇنىڭ مۇھاكىمىلىك ماقالىلىرى ئۇنىڭ سىياسىي، ئېتىكا كۆزقارىشىنى ۋە ئەدەبىيات تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئەسەرلىرى راۋان، ئىخچام، جانلىق، پىكىرلىرى چوڭقۇر، ھېسسىياتلىق يېزىلغان. «شېرىكلەر توغرىسىدا، گاۋ سىغا تەكلىپنامە، مەست بوۋاينىڭ راۋىقى، كۈز شامىلىغا» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەشھۇر ئەسەرلەر.
ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىنى ياراتتى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى «ماقالىنى شېئىر قىلىش» بولۇپ، شېئىر ئىچىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. نۇرغۇن شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ ئازابلىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، بىرقەدەر كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، مەسىلەن، «زاڭ يېگەن خەلق، كەچتە يۆياڭدا توختىدىم» قاتارلىقلار.
ئوۋياڭ شيۇنىڭ شېئىرى كۆپ ئەمەس، كۆپىنچىسى مۇھەببەتنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەر، ئۇلاردا يوشۇرۇن ئىشق - مۇھەببەت ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن، پسىخىكىلىق كەيپىياتنى سۈرەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كېيىنكى تاڭ، بەش دەۋردىن بۇيانقى نازۇكلۇق ۋە سىپايىلىك تۈگىتىلىپ، شېئىر ئۇسلۇبى يېڭىلانغان.