لياۋجەي رىۋايەتلىرى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«لياۋجەي رىۋايەتلىرى» جۇڭگونىڭ كونا ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئەڭ مەشھۇر ھېكايىلەر توپلىمى. ئاپتورى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن پۇ سۇڭلىڭ (1640 −1715 - يىللار).
پۇ سۇڭلىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا كېجۈ ئىمتىھانىغا قىزىققان، لېكىن ئۆمرىدە مۇرادىغا يېتەلمەي، تۇرمۇشى نامراتلىقتا ئۆتكەن، مۇدەررىسلىك قىلىپ جان باققان. نامراتلىق، غەمكىنلىك بىلەن ئۆتكەن ئۆمرىدە ئۇ كېجۈ تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ۋە فېئوداللىق ئەمەل تۇتۇش يولىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە ھېس قىلغان ھەم تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. بۇنداق مول كەچۈرمىش ۋە ئىلغار ئىدىيە ئۇنىڭ لياۋجەي رىۋايەتلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەرگەن.
»لياۋجەي رىۋايەتلىرى«دە جەمئىي491 پارچە ئەسەر بار، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى ۋەقەلىكى مۇكەممەل، پېرسوناژلار ئوبرازى يارقىن ھېكايىلەر، ئاز بىر قىسمى سەھىپىسى قىسقا، ئاددىي تەسۋىر ۋە ئوچېرك خاراكتېرىدىكى خاتىرىلەر. مەزمۇنىنى تەخمىنەن تۆت خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى خىلى، مەزمۇنى كېجۈ تۈزۈمى ئۈستىدىن قانلىق شىكايەت. بۇ سەھىپىلەرگە ئاپتورنىڭ قويۇق ھېسسىياتى سىڭگەن، ئاپتورنىڭ كەچۈرمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئاپتورنىڭ ئۆز ئوبرازى سۈرەتلەنگەن. ئەسەردە كېجۈ تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى غەزەپ بىلەن سۆكۈلۈپ، كېجۈ تۈزۈمىنىڭ ئىختىساسلىق كىشىلەرنى كۆمۈۋېتىدىغان جىنايىتى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلانغان. مەشھۇر سەھىپىلەردىن «يېشىڭ»، «سىۋېنلاڭ» قاتارلىقلار بار.
ئىككىنچى خىلى، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئوقۇلغان قىزغىن مەدھىيە. بۇلارنىڭ سانى كىتابتا ئەڭ كۆپ ھەم بۇ ئەڭ ئېسىل يېزىلغان بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەردە جىنلار بىلەن ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاپتورنىڭ غايىسىدىكى مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن. داڭلىقلىرىدىن «ليەنچىڭ، ئاباۋ، شياڭيۈ، شياۋشيې» قاتارلىقلار بار. فانتازىيە بىلەن تولغان بۇ ھېكايىلەردە قىز - يىگىتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببەتكە بولغان ئارزۇ - ئىستىكى ۋە تەشنالىقى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«لياۋجەي رىۋايەتلىرى» نىڭ يەنە بىر مۇھىم خىلى، رېئال سىياسىينىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىش ۋە پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر. ۋەكىللىك ئەسەرلەردىن «قارا چېكەتكە»، «شىفاڭپىڭ» قاتارلىقلار بار.
تۆتىنچى خىلى، بىر قىسىم ئۆرپ - ئادەتلەر توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان ئەسەرلەر. بۇ «لياۋجەي رىۋايەتلىرى» ئىچىدىكى تېمىسى ئەڭ كەڭ، ئىدىيىۋى خاھىشى ئەڭ مۇرەككەپ قىسىم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاپتور يېڭى ئەخلاق جەھەتتىن ئىزدىنىدۇ، كونا، چىرىگەن كۇڭزىچىلار ئەخلاقىدىن دادلايدۇ. «جاڭ چىڭ، ئەينەكتىن تىڭشاش، ئۆردەكنى تىللاش» قاتارلىقلار مۇئەييەن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.
«لياۋجەي رىۋايەتلىرى» دە كۆپىنچە باقىي ئالەمدىكى خىيالىي دۇنيا، جىن - ئەرۋاھلار تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى بىپايان رېئال تۇرمۇش ئەگىتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتورنىڭ روشەن پوزىتسىيىسى ئىپادىلەنگەن. بەدىئىيلك جەھەتتە، «لياۋجەي رىۋايەتلىرى» ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى جىن - شاياتۇنلار يېزىلغان ھېكايىلەرنىڭ ۋە تاڭ دەۋرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، تۈلكە، جىنلار توغرىسىدا سۆزلەپ، ئاجايىپ - غارايىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئىنچىكە سۈرەتلەپ بېرىدۇ، تىلى ئىخچام، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كونا ئەدەبىي تىلدا يېزىلغان ھېكايىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.