UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىقىزىل راۋاقتىكى چۈش

قىزىل راۋاقتىكى چۈش

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى جۇڭگونىڭ كلاسسىك رومانلىرى ئىچىدە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» كە ئوخشاش ئەبەدىيلىك بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان، ئوقۇغانسېرى كىشىنىڭ ئوقۇغۇسى كېلىدىغان كىتاب تېخى چىقمىدى. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرى دۇنياغا كەلگەن، ئەسلىي نامى «تاشنىڭ رىۋايىتى»، ئۇنى ساۋ شۆچىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن كۈنلىرىدە يازغان. روماندا ئاپتور جيا باۋيۈ، لىن دەييۈلەرنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى ئاساسلىق يىپ ئۇچى قىلىپ، پۈتۈن كىتاب ۋەقەلىكىنىڭ سۇژىتىنى قانات يايدۇرغان. جيا قەسرى ۋەكىللىكىدىكى تۆت چوڭ جەمەت − جيا، شى، ۋاڭ، شۆ جەمەتلىرىنىڭ ھالاك بولۇش جەريانى ئارقىلىق فېئودال ئائىلىلەرنىڭ چىرىكلىكى ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىلگەن، ئۇنى جۇڭگونىڭ فېئودالىزم تۈزۈمىنىڭ بەربات بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكى ۋە مۇقەررەر ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا غايەت زور ئىپادىلەش كۈچى بىلەن400 نەچچە پېرسوناژ تەسۋىرلىنىپ، نۇرغۇن بەدىئىي تىپلار يارىتىلغان. ئەسەردىكى جيا باۋيۈ بىلەن لىن دەييۈنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاپتور ھېسداشلىق قىلىش ۋە مەدھىيىلەش پوزىتسىيىسى بىلەن كۈرەش روھىغا ئىگە بىرمۇنچە تۆۋەن قاتلام ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى چىڭۋېن، يۈەنياڭ قاتارلىقلار ھوقۇق ئىمتىيازلاردىن قورقمايدۇ، يۇ سەنجيې قەيسەر خاراكتېرگە ئىگە. شاد - خۇراملىقنى ئىزدەيدىغان جيا ئانا، چىرىك، چاكىنا جياجىڭ، ئىككى يۈزلىمىچى ۋاڭ شىفېڭ، دۆتلۈكىنى يوشۇرۇپ، بىلەرمەنلىك قىلىدىغان شۆ باۋچەي قاتارلىق فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خىلمۇخىل پىرسوناژلىرىنى ياراتقان. بۇ پېرسوناژلارنىڭ زىددىيەتلىك كۈرەشلىرى ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ قىياپىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، سۇژىتى جانلىق، تىلى گۈزەل، رەڭدار، ئۇ ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك پروزا ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كىشىلەرگە ياراپ كەتكەن، بەگ - غوجام، ئېسىلزادىلەر، ئاۋام پۇقرالار تالىشىپ ئوقۇشقان، ئەينى چاغدا: «<قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تىن گەپ ئاچماي شېئىر ئوقۇساڭمۇ تېتىمايدۇ» دېگەن گەپلەر تارقالغانىدى. لۇشۈن ئەپەندى ئۇنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بەرگەنىدى، ئۇ «<قىزىل راۋاقتىكى چۈش> چىققاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئىدىيە ۋە يېزىش ئۇسۇلى بۇزۇپ تاشلاندى» دېگەنىدى. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان پروزىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» كۆپچىلىك بىردەك ئېتىراپ قىلغان چوققا، شۇنداقلا رېئالىستىك ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك ئابىدىسى. شۇنىڭدىن كېيىن، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ داۋامى ناھايىتى كۆپ بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى «قاما تۇماققا ماتا تاشلىق» بولغاندەك، ئىدىيىۋىلىك، بەدىئىيلىك جەھەتتە ھەرگىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
قىزىل راۋاقتىكى چۈش | UyghurWiki | UyghurWiki