گاسار شاھ ھەققىدە قىسسە
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«گاسار شاھ ھەققىدە قىسسە» زاڭزۇ مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈنگىچە كەلگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئېپىك داستان. ئۇ ئاساسلىق تىبەت رايونلىرىغا تارقالغان. موڭغۇل مىللىتى، تۇزۇ مىللىتى، ناشى مىللىتى ئارىسىغا، شۇنىڭدەك بۇتان، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەزى رايونلىرىغىمۇ تارقالغان.
گاسار شاھ ھەققىدە قىسسە ئېلىمىزدىكى زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىجاد قىلغان نادىر سەنئەت ئەسىرى. پۈتۈن كىتاب تەخمىنەن100 نەچچە قىسىم، بىر مىليون مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە مۇھىمراقى30 نەچچە قىسىم. بۇ داستاندا گاسارنىڭ ھاياتىدىكى ئۇلۇغ تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئىلاھنىڭ ئوغلىكەن، جىن - ئالۋاستىلار ئىنسانلار دۇنياسىدا رەزىللىكلەرنى قىلىپ، پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، ئۇ ئەرشتىن بىر نامرات ئائىلىگە چۈشۈپ تۇغۇلۇپتۇ.15 يېشىدا ئات بەيگىسىگە قاتنىشىپ غەلىبە قىلىپ، دۆلەتكە پادىشاھ بوپتۇ. كېيىن جىن - ئالۋاستىلارنى يوقىتىش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىنى باشلىۋېتىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا باقىي ئالەمگە بېسىپ كىرىپ ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىپ،18 قەۋەت دوزاختا ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ. ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئەرشكە قايتىپ كېتىپتۇ. پۈتۈن داستانغا خەلق ئۈچۈن ئاپەتنى يوقىتىش، خەلقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن؛ ئەسەرنىڭ كۆلىمى غايەت چوڭ، قۇرۇلمىسى ھەيۋەتلىك، تەسەۋۋۇرى مول، ئوبرازلىرى جانلىق، تىلى گۈزەل، شېئىرىي پۇرىقى كۈچلۈك.
«گاسار شاھ ھەققىدە قىسسە» ئېپوسقا خاس روھ، گۈزەل فانتازىيە بىلەن، زاڭزۇ قەھرىمانى گاسار شاھنى يارىتىش ئارقىلىق6 −9 - ئەسىرلەردىكى، شۇنىڭدەك11 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم زور تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەگىتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، زاڭزۇ خەلقىنىڭ بۆلۈنۈش پاراكەندىچىلىكىگە بولغان نەپرىتى، تىنچلىققا، بىرلىككە بولغان گۈزەل ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئېپوسنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جەلپكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلغان ھەم ئۆزىگە خاس روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەر. شۇڭا، ئۇ، پەقەت زاڭزۇ خەلقىلا ياقتۇرىدىغان نەزم - نەسر ئەدەبىياتى بولۇپ قالماستىن، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئۇ زاڭزۇ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قامۇسى، تىبەت تارىخى، جۇغراپىيىسى، جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى، دىنى، تىلىنى تەتقىق قىلىشتا زور ھۆججەت قىممىتىگە ئىگە.
«گاسار شاھ ھەققىدە قىسسە» ئېپوسىنى توپلاش خىزمىتى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، «خولىندىكى جەڭ»، «جىن - ئالۋاستىلارنى بويسۇندۇرۇش» قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم قىسىملىرى نەشر قىلىندى.