كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ساتىرىك رومان «كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى» نى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇ جىڭزى (1701 −1754 - يىللار) يازغان.
ۋۇ جىڭزى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا قىزىقاتتى، تالانت ۋە بىلىمدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشەتتى، ياشلىق دەۋرىدە كۆپ قېتىم كېجۈ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتەلمىدى؛ ئەمما، قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئادەملەر مۇناسىۋەت ۋە پۇلغا تايىنىپ يۇقىرى ئۇنۋانلارغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى سۇنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم پۇزۇر كىيىنگەن بايۋەچچىلەرنىڭ كەمسىتىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى. كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ رەزىللىشىپ بىر - بىرىگە ئورا كولىشى، خۇشامەتچىلىكىدىن ئۇ «پۇلى باردا بەگ ئاتىلىپ، پۇلى يوقتا گاداي ئاتالغان» لىقىنى كۆردى، كېجۈ تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن كېجۈ تۈزۈمىنى پاش قىلىدىغان، كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ رەزىللىكىنى قامچىلايدىغان بۇ چوڭ ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.
كىتاب55 باب،400 مىڭ خەتتىن تۈزۈلگەن،200 گە يېقىن پېرسوناژ تەسۋىرلەنگەن. كىتابتا ھەم مۇستەقىل، ھەم باغلىنىشلىق10 نەچچە ھېكايىدە تۆھپە، نام - مەنپەئەت، بايلىق قوغلىشىدىغان ھەر خىل تىپتىكى بىر توپ فېئودال كۇڭزىچىلار ۋە خىيانەتكار، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى سۈرەتلەپ بېرىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ رەزىل، غەيرىي نورمال روھىي دۇنياسى تەھلىل قىلىنىپ، جۇ جىن، فەن جىن، مائېر ئەپەندى، كۇاڭ چاۋرېن، يەن گۇڭشىڭ قاتارلىق بىر قاتار تىپىك پېرسوناژلار يارىتىلغان. جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش، ئاپتورنىڭ غايىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئەسەردە يەنە بىرنەچچە ئىجابىي پېرسوناژمۇ يارىتىلغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈن ئالىدىغان قول ھۈنەرۋەنلەر مەدھىيىلەنگەن، كېجۈ ئىمتىھانىغا كۆز قىزارتمايدىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ماختالغان. ئاپتور ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ چەكلىمىسى ۋە سىنىپىي چەكلىمە تۈپەيلىدىن، ئۇ يارىماس ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئۈمىدىنى كۇڭزىچىلارنىڭ ئەخلاق - قائىدىلىرىگە باغلىغان، دەرۋەقە بۇ ئاقمايتتى.
«كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى» بەدىئىيلىك جەھەتتە ئىنتايىن يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇ جۇڭگو قەدىمكى زامان پروزا تارىخىدىكى ساتىرىك رومانلارنىڭ ئۈلگىسى. ئاپتور ساتىرا سەنئىتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ باش تېمىنى ئىپادىلىگەن، ئۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئىچىدىن تىپىك ۋەقەلىكنى تاللاپ، پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر، مەسىلەن، «جۇ جىننىڭ نومۇر تاختىسىغا ئۈسۈشى»، «فەن جىننىڭ كېجۈ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ساراڭ بولۇپ قېلىشى» قاتارلىقلار ئىنتايىن كۈچلۈك مەسخىرە قىلىش ئۈنۈمى بەرگەن. «كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى» نىڭ تىلى توغرا، پىششىق، ئوبرازلىق، دائىم ئىككى - ئۈچ ئېغىز سۆز بىلەنلا پېرسوناژلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ئاشكارا بولىدۇ، چىن ياكى ساختىلىقى ئېچىپ تاشلىنىدۇ.
«كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى» رومان ئارقىلىق رېئاللىققا بىۋاسىتە باھا بېرىشتە يول ئېچىپ بەردى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەيىبلەش رومانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.