ۋېن يىدو
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ۋېن يىدو (1899 −1946 - يىلى) ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك شائىر، شۇنداقلا ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن دېموكراتىيە ئېقىمىنىڭ ئالدىدا قەتئىي تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئىلغار ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
ۋېن يىدونىڭ شېئىر ئىجادىيەتلىرىدىن «قىزىل شام، توختام سۇ» ناملىق ئىككى توپلىمى بار. «قىزىل شام» ئەركىن شېئىرلار بولۇپ، «4 - ماي» مەزگىلىدە تەلەپ قىلىنغان شېئىر ئۇسلۇبىنى ئازاد قىلىش بىلەن بىردەك كېلىدۇ. «توختام سۇ» يېڭى ۋەزىندىكى شېئىرلار بولۇپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، شەكلى تەرتىپلىك، بوغۇملىرى تەڭ.
«قىزىل شام» دىكى بەزى شېئىرلارنى ۋېن يىدو «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە يازغان، بۇنىڭ ئىچىدە «غەربىي چوققا» دا رېئاللىق پاش قىلىنىپ، يورۇقلۇققا ئىنتىلگەن؛ «باش يازنىڭ بىر كېچىسىدىن تەسىرات» تا، مىلىتارىستلار ئۇرۇشىغا نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن.1922 - يىلى ۋېن يىدو ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدۇ، شۇڭا، «قىزىل شام» دىكى نۇرغۇن شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ يات ئەلدىكى تەسىراتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش بەدىلىگە يورۇقلۇق بېرىدىغان قىزىل شامنى مەدھىيىلەپ، ئۆزىنىڭ «ئېرىشكىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئەجرى بىلەن ھېسابلىشىدىغان»، ۋەتەن ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان قۇربان بېرىش روھىنى ئىپادىلىگەن. «جۇخار» دا جۇخارگۈلنى ۋەتەنگە سىمۋول قىلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىرىنى ۋە گۈلگە ئوخشايدىغان ۋەتەننى قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ. «قۇياشقا ئىلتىجا» دا، مۇساپىرلارنىڭ ئۆزگە يۇرتتا تۇرسىمۇ ۋەتەننى سېغىنىشتەك ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتىنى تەكرار يېزىپ، شائىر قۇياشتىن ھەر كۈنى ئۆزىنى ئېلىپ بىر قېتىم يەر شارىنى ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى، «يۇرتىنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش» نى ئىلتىجا قىلىدۇ. «يالغۇز تۇرنا» قاتارلىق شېئىرلىرىدا، ئاجىز ئەل كىشىلىرىنىڭ يات يۇرتلاردا كەمسىتىلىشىدىن غەزەپلىنىش ھېسسىياتى بايان قىلىنىپ، ئۆزىنى توپتىن ئايرىلىپ قالغان بىر يالغۇز تۇرنىغا ئوخشىتىدۇ.
«توختام سۇ» ۋېن يىدو ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان ئەسىرى. شائىر سىياسىي جەھەتتىن چىرىپ كەتكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشى خارابلاشقان رېئاللىقنى كۆرگەندە، تەسەۋۋۇرىدىكى «گۈلگە ئوخشاش ۋەتەن» ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۈمىدسىزلىككە ۋە ئازابقا پاتىدۇ. ئۇ «بايقاش» تا: «مەن كەلدىم! قان - ياش تۆكۈپ مەن توۋلايمەن، <بۇ مېنىڭ جۇڭخۇايىم ئەمەس، ياق، ياق!>» دەپ توۋلايدۇ، «ئۇ سۈزۈك ئاسماندىن سوراپ»، «زېمىننىڭ كۆكسىگە مۇشتلاپ»، غايىسىدىكى ۋەتەنگە تەشنا بولىدۇ، زۇلمەتلىك رېئاللىقتىن زارلايدۇ. «توختام سۇ» دىكى نۇرغۇن شېئىرلاردا رېئال تۇرمۇش بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. «چۆلدەرىگەن كەنت» تە، مىلىتارىستلار ئۇرۇشىدىكى يېزىلارنىڭ ئېچىنىشلىق مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ؛ «تيەنئەنمېن» دە، ۋەتەنپەرۋەر ياشلار باستۇرۇلغان ۋەقە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «يەل تاپان» ۋە «گۇناھ» لاردا، ئەمگەكچى خەلقنىڭ بەختسىزلىكىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ؛ «تىنچ كېچە» دە، قىرائەتخانا ئۆينىڭ سىرتىدىكى «قوشنىلارنىڭ ئىڭرىشى»، «تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ تىترىگەن سايىسى» ۋە ھەر تۈرلۈك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار، شائىرنىڭ تىنچ كېچىدە قىرائەتخانىسىدا خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.