چاڭشېڭ سارىيى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
كۇڭ شاڭرېننىڭ «شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» ى بىلەن تەڭ شۆھرەت قازانغان «چاڭشېڭ سارىيى» چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى درامىلار ئىچىدە ئەڭ تەسىر قوزغىغان ئەسەر. ئۇنىڭ ئاپتورى خۇڭ شېڭ (1645 −1704 - يىللار). «چاڭ شېڭ سارىيى» 10 نەچچە يىل يېزىلىپ، تۈزىتىلگەندىن كېيىن، سەھنىدە قويۇلغاندا شۇ ھامان پايتەختنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. كېيىن، بۇ دراما دۇڭ خانىش ئۆلگەن مەزگىلدە قويۇلغانلىقى ئۈچۈن خان رەنجىپ قېلىپ، خۇڭ شېڭنى پايتەختتىن يۇرتىغا قوغلىۋەتكەن، ئۇ يۇرتىدا دەرد - ئەلەم ئىچىدە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن.59 ياشقا كىرگەن يىلى جېجياڭنىڭ ۋۇشىن دېگەن يېرىدە مەستلىكتە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، ئۆلۈپ كەتكەن.
«چاڭشېڭ سارىيى» خۇڭ شېڭنىڭ دراما ئىجادىيىتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى، ئۇ بەي جۈيىنىڭ «پۈتمەس ئەلەم» شېئىرىدىكى «7 - ئاينىڭ7 - كۈنى چاڭشېڭ سارىيىدا» دېگەن مىسراسىنى سەھنە ئەسىرىگە تېما قىلغان. سەھنە ئەسىرىدە تاڭ سۇلالىسى خانى مىڭ خۇاڭنىڭ كىچىك خانىش ياڭ يۈخۇەنگە ئامراقلىقى، كۈندە ياڭ كىچىك خانىش بىلەن سەيلە، ئويۇن - تاماشا قىلىپ، خانلىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقى، خانلىقنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ياڭ كىچىك خانىشنىڭ ئاكىسى ياڭ گوجۇڭ ئىگىلىۋالغانلىقى يېزىلغان.7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ياڭ كىچىك خانىش تاڭ خانى مىڭ خۇاڭ بىلەن چاڭشېڭ سارىيىدا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمۈپ، ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيالىق ئەر - خوتۇن بولۇشقا قەسەم قىلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ياڭ گوجۇڭ بىلەن ھوقۇق تالىشىش سەۋەبىدىن ئۆڭلۈك ئەسكەر تارتىپ، ئىسيان كۆتۈرىدۇ. تاڭ خانى مىڭخۇاڭ ياڭ كىچىك خانىشنى ئېلىپ چاڭئەنگە قېچىپ كېلىدۇ، ئوردا لەشكەرلىرى ياڭ گوجۇڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، يەنە تاڭ خانى مىڭخۇاڭنى ياڭ كىچىك خانىشنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە قىستايدۇ. ئۆڭلۈك ئىسيانى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، تاڭ خانى مىڭخۇاڭ ياڭ كىچىك خانىشنى كېچە - كۈندۈز سېغىنىدۇ. كېيىن راھىب ياڭ تۇڭيۇ سېھىر ئىشلىتىپ بىر ئىلاھىي كۆۋرۈك ياساپ، مىڭخۇاڭنى ئاي ئوردىسىغا ئۇچۇرۇپ چىقىپ ياڭ كىچىك خانىش بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «ئىككى دۇنيالىق ئەر - خوتۇن بولىمىز» دېگەن قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.
«چاڭشېڭ سارىيى» نىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى مۇرەككەپ، ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن، تاڭ خانى مىڭخۇاڭ بىلەن ياڭ كىچىك خانىشنىڭ ئىككى دۇنيادا ئايرىلمايدىغان مۇھەببىتى مەدھىيىلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە ئۆڭلۈك ئىسيانىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ، دۆلەت ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، خەلققە ئاپەت كەلتۈرگەن جىنايىتى تەنقىد قىلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىغا ھەسرەتلىنىدۇ. سەھنە ئەسىرىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىشى نەپىس ھەم لىرىك ھېسسىياتى قويۇق. ئاپتور گۈزەل، راۋان، شېئىرىي پۇرىقى كۈچلۈك مىسرالار بىلەن پېرسوناژلارنىڭ ئوخشاشمىغان مۇھىتتىكى كەيپىياتى، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن. مەسىلەن، «تەنسى (جۇڭگونىڭ بىر خىل خەلق كۈيى)» نىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشىدە چاچ سىرغىسى قۇتىسى ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ، ساز چېلىشىپ ناخشا ئېيتىشقاندىن تارتىپ، قوڭغۇراقلىق ھارۋا بىلەن غەربنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئارىلىقتىكى ناخشىلار كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ ناخشىلاردا مۇھىت كەيپىياتى بىلەن پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شېئىرىي ھېسسىياتقا تولدۇرۇلغان.