شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
خۇڭ شېڭنىڭ «چاڭشېڭ سارىيى» بىلەن بىللە تەرىپلىنىدىغان «شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەسىرى ئەڭ زور بولغان ئەسەر. ئاپتور كۇڭ شاڭرېن (1648 −1718 - يىللار) كۇڭزىنىڭ64 - ئەۋلاد نەۋرىسى.
«شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» جەمئىي40 كۆرۈنۈشلۈك، ئۇنىڭدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ مەشھۇر زاتى خۇ فاڭيۈنىڭ نەنجىڭنىڭ موچۇ كۆلى بويىدا تۇرۇۋاتقىنىدا، داڭلىق پاھىشە لى شياڭجۈن بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى يېزىلغان. ئۇلار توي قىلىدىغان كۈنى خۇ فاڭيۈ لى شياڭجۈنگە تويلىشىش بۇيۇمى سۈپىتىدە يەلپۈگۈچ سوۋغا قىلىدۇ. ساتقۇن رۇەن داچىڭ خۇ فاڭيۈنى يېنىغا تارتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئالتۇن چىقىرىپ تويلۇق بەرسىمۇ، لى شياڭجۈن قەتئىي رەت قىلىدۇ. رۇەن داچىڭ نومۇستىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، خۇ فاڭيۈ بىلەن لى شياڭجۈنگە خىلمۇخىل زىيانكەشلىكلەرنى قىلىدۇ. خۇ فاڭيۈ ياڭجۇغا كېتىپ، ۋەتەنپەرۋەر سانغۇن شى كېفاغا قوشۇلىدۇ. رۇەن داچىڭ ئاسىي ئەمەلدار ما شىيىڭنىڭ كۈچىگە تايىنىپ لى شياڭجۈننى يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەريا بېگى تيەن ياڭغا تېگىشكە قىستايدۇ، لى شياڭجۈن ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، تامغا ئۈسۈپ بېشىنى يېرىپ، يەلپۈگۈچنى قانغا بويىۋېتىدۇ. خۇ فاڭيۈنىڭ دوستى ياڭ لۇڭيۈ يەلپۈگۈچكە قان بىلەن بىر تال شاپتۇل چېچىكىنى سىزىپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەلپۈگۈچ «شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ. جەنۇبىي مىڭ خانىدانلىقى يوقالغاندىن كېيىن، خۇ فاڭيۈ شىشيا تېغىدا لى شياڭجۈن بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ چاغدا، «ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ ئەدىبلىرىنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، تارقىلىپ كەتكىنى تارقىلىپ كېتىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر سانغۇن شى كېفامۇ شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ، ئۇلار بىللە خورسىنىپ، ھەر خىل ئىشلار كۆڭلىگە كېلىپ، مۇنقەرزلىككە بولغان نەپرىتى بىلەن، مېھىر - مۇھەببەت رىشتىسىنى ئۈزۈپ، بىللە راھىب بولۇپ كېتىدۇ.
درامىدا «جۇدالىق ۋە ۋىسال ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، گۈللىنىش ۋە ھالاك بولۇش تەسىراتى يېزىلىپ»، خۇ فاڭيۈ بىلەن لى شياڭجۈننىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، چىن ئادەم، چىن ئىشلار ۋە نۇرغۇن ھۆججەت - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى چىرىگەن، قالايمىقان جەمئىيەت رېئاللىقى ئوبرازلىق ۋە چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلىپ، جەنۇبىي مىڭ خانىدانلىقىدا ھاماقەت خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكى، ساتقۇن ھوقۇقدارلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ، دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت چىرىك سىياسىي ئەيىبلىنىدۇ. درامىدا لى شياڭجۈننىڭ شانلىق ئوبرازى يارىتىلغان، ئۇ گەرچە بىر ناخشىچى پاھىشە بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي غايىسى ۋە ھەق - ناھەق چەك - چېگرىسى ئېنىق. ئۇنىڭ قەتئىي، پاك مۇھەببىتى بىلەن رەزىل كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھەققانىيەتچىل مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقمايدىغان ئۇلۇغۋار قەيسەرلىكى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
«شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» تارىخىي دراما ئىجادىيىتىدە ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭدا خۇ فاڭيۈ، لى شياڭجۈنلەرنىڭ مۇھەببەتتىكى جۇدالىق ۋە ۋىسال تېپىش كەچۈرمىشلىرىگە جەنۇبىي مىڭ خانىدانلىقىنىڭ گۈللىنىش ۋە ھالاك بولۇش تارىخى سىڭدۈرۈلگەن ھەم شۇ قەدەر زىچ، ماس ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن، بۇ جۇڭگونىڭ مۇھەببەت درامىلىرى ئىجادىيىتىدىكى بىر زور تەرەققىيات بولدى.