UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىماۋ دۇن

ماۋ دۇن

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «تۈن يانغاندا» فىلىمى شۇ ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، بۇ روماننىڭ ئاپتورى رومان ماھىرى دەپ ئاتالغان ئەدەبىيات پېشۋاسى ماۋ دۈن (1896 −1981 - يىللار).1931 - يىلى ماۋ دۇن شاڭخەيدىكى بىر كونا شەكىلدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا زىمىستان سوغۇققا، پىژغىرىم ئىسسىققا پەرۋا قىلماي، توپتوغرا بىر يىل ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ خەتلىك بۇ چوڭ ئەسەرنى يېزىپ بولغان. «تۈن يانغاندا» 20 - ،30 - يىللاردىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ يېزىلاردىن شەھەرگىچە بولغان ئەھۋالىنى ئەتراپلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئۇنىڭدا كونا شاڭخەينىڭ ئاجايىپ - غارايىپ ھادىسىلىرىنى ئېچىپ بېرىپ، بيۇروكرات بۇرژۇئازىيە بىلەن مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېلىشىشلىرى، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ كاپىتالىستلار بىلەن بولغان زىددىيىتى، دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر، بازارلارنىڭ سودىسىنىڭ كاساتلىشىشى، شەھەر ئاھالىسى قاتلىمىنىڭ ۋەيران بولۇشى، زىيالىيلارنىڭ دەردى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. »تۈن يانغاندا«دىن باشقا، ماۋ دۈن يەنە بىرمۇنچە ئېسىل رومانلارنى يازدى.1929 - يىلى يېزىلغان «ھەسەن - ھۈسەن» دە، دەۋر ئايالى − مېي شىڭسۇنىڭ «4 - ماي» دىن «30 - ماي» غىچە بولغان دەۋر دولقۇنلىرىدا جان تالىشىشى، قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق جۇڭگو زىيالىي ياشلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكتىن كوللېكتىۋىزمغا ئۆتۈشىدىكى جاپالىق مۇساپىسى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلدا يېزىپ چىققان ترىلوگىيە «خوراش» تا، بىرنەچچە ياش زىيالىينىڭ تۇرمۇش يولى ۋە قەلبىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى جۇڭگو جەمئىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ماۋ دۇن يەنە «بىرىنچى باسقۇچتىكى ھېكايە»، «چېنىقىش»، «چىرىش» قاتارلىق رومانلارنى ۋە «چوكانتالنىڭ ئالدى - كەينىدە» درامىسىنى يازدى. يېزا تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ترىلوگىيە «باھار پىلىسى»، «كۈزلۈك يىغىم»، « زىمىستان قىش» ۋە «لىن ئائىلىسىنىڭ دۇكىنى» نىڭ سەھىپىسى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، غايەت زور ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ۋە كەڭ تارىخىي مەزمۇنغا ئىگە. ئەگەر ماۋ دۇننىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىدىغان بولساق، ئۇلاردا «4 - ماي» دىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەرقايسى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى تولۇق بەدىئىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ماۋ دۇن بىزنى «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن تارتىپ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن بىر يىلنامىسى بىلەن تەمىنلىدى. ماۋدۇننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدى جەھەتتىمۇ تۆھپە قوشتى. ئۇ ئىلغار ئەدەبىيات تەشكىلاتى «ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ «ئەدەبىيات كىشىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەننى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، فېئوداللىق كونىنى تىرىلدۈرگۈچىلەرنىڭ «ئەسەر ئوي - پىكىرنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېزىلىدۇ» دېگەن ئەدەبىيات قارىشىغا ۋە «ئىشق - مۇھەببەت ئېقىمى» دىكىلەرنىڭ «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دېگەن ئەدەبىيات قارىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىدىيىنى ئويغىتىش رولىنى تەكىتلەپ، ئەدەبىياتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. ماۋ دۇن يەنە «ھېكايىلەر ئايلىق ژۇرنىلى» غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭى ئەدىبلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ماۋ دۇن | UyghurWiki | UyghurWiki