UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىگۇەن خەنچىڭ

گۇەن خەنچىڭ

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دراما مۇنبىرىنىڭ سەردارى گۇەن خەنچىڭ تەخمىنەن جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۇغۇلۇپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ خانى چىڭزۇڭنىڭ دادې يىلى ئارىلىقىدا ۋاپات بولغان (1297 −1307 - يىللار). ئۇ يالغۇز دراما يېزىپلا قالماستىن، يەنە ئۇسسۇل ئويناش، مۇزىكا چېلىش، ناخشا ئېيتىشقىمۇ ماھىر ئىدى، ئۇ يەن، جاۋ بەگلىكلىرىدىكى دراما ئوينايدىغان، مەدداھلىق قىلىدىغانلارنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دراما ساھەسىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان سەردارغا ئايلانغان. ئۇ ئۆمرىدە67 پارچە زاجۈ تىياتىرى يازغان، بۇلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى زاجۈ تىياتىرلىرىنىڭ ئوندىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. گۇەن خەنچىڭنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان زاجۈ تىياتىرلىرىنى ئىدىيىۋى مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى تۈرى، خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرى مەدھىيىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى پاش قىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى ئۆتكۈر سىنىپىي زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر. مەسىلەن، داڭلىقلىرى «دۇ ئېنىڭ ئۇۋاللىققا ئۇچرىشى»، «كېپىنەك چۈشى»، «لۇجەيلاڭ» قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەسەرلەر كۆپ ئەمەس، لېكىن جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك. ئىككىنچى تۈرى، ئاساسلىق تۆۋەن قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش داۋامىدىكى باتۇرلۇقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ناھايىتى كۈچلۈك كومېدىيىلىك تۈسكە ئىگە ئەسەرلەر. مەسىلەن، «سەرگەردانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، قىزچاقنى ئالداش، جياڭتىڭ راۋىقىغا تەلمۈرۈش، ئاي راۋىقىنى تاۋاپ قىلىش» قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر گۇەن خەنچىڭنىڭ درامىلىرى ئىچىدە گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى، تارىختىكى قەھرىمانلارنى مەدھىيىلەيدىغان بىر قىسىم زاجۈلەر، مەسىلەن، «يەك قىلىچ ئۇيۇشمىسى»، «غەربىي شۇ چۈشى» قاتارلىقلار. گۇەن خەنچىڭ زاجۈلىرىدە ئېزىلگەن خەلقنىڭ كۈرەشلىرى قىزغىن مەدھىيىلىنىپ، فېئودال جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە شەپقەتسىزلىكى كۆپ تەرەپتىن پاش قىلىنىپ، كىشىلەر رەزىل كۈچلەر بىلەن ئېگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلغان. يازغۇچىنىڭ بۇ ئىلغار ئىدىيىسى ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى «دۇئېنىڭ ئۇۋاللىققا ئۇچرىشى» دا تولۇق گەۋدىلەنگەن. درامىدا دۇ ئېنىڭ ئۇۋاللىققا ئۇچراپ نالە - پەرياد قىلىپ، ئاخىر قۇربان بولغان تراگېدىيىلىك خاتىمىسى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ «ئاسمان - زېمىننى تەسىرلەندۈرگۈدەك» بەدىئىي سېھرىي كۈچى بىلەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە قالايمىقانلىقى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلىپ، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ رەزىل كۈچلەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دراما ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان قاتلاملاردىكى تاماشىبىنلارنى ئىزچىل تەسىرلەندۈرۈپ، ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە، كېيىنكىلەر ئۇنى جۇڭگو تراگېدىيىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى، دەپ ئاتىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى