غەربكە ساياھەت
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
400 نەچچە يىل بۇرۇن، ئېلىمىزە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى چاقناتقان ئەپسانىۋى رومان «غەربكە ساياھەت» بارلىققا كەلدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى مىڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن ۋۇ چىڭئېن.
ۋۇ چىڭئېن ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولغان بىر كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۆسمۇر چاغلىرىدىلا ئەدەبىياتتا نام چىقارغان، لېكىن كېجۈ ئىمتىھانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،45 ياشقا كىرگەندىلا «سۈيگۇڭشىڭ» دەرىجىسىگە ئېرىشىپ، جېجياڭنىڭ چاڭشىن ناھىيىسىگە ئامبال ياردەمچىسى بولۇپ بارغان. ئۇ پاك - دىيانەتلىك، قەيسەرلىك بىلەن ئىش تۇتقاچقا، ئەمەل سورۇنىدىكى مەككارلىق، خۇشامەتچىلىك، بىر - بىرىگە ئورا كولاش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى شىلىپ، زورلۇق بىلەن ئالۋان - ياساق سېلىشى ئۇنىڭ دىتىغا ياقماي، ئىككى يىللا ئىشلەپ، نەپرەت بىلەن خىزمىتىنى تاشلاپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن، خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە ئالاقىدار خاتىرىلەنمىگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆڭۈل قويۇپ توپلاپ ئەپسانىۋى رومان يېزىپ، ھۆكۈمرانلار بىلەن قارشىلىشىشقا بەل باغلىغان. «غەربكە ساياھەت» ۋۇ چىڭئېننىڭ تاڭ تەيزۇڭ ۋاقتىدا راھىب شۈەنزاڭنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خېيىمخەتەردىن قورقماي ئۆزى يالغۇز ئەنەتكەك (ھازىرقى ھىندىستان)كە نوم ئالغىلى بارغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىگە ئاساسەن، خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ۋە دراما، قىسسىلەردىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ، ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان ئەپسانىۋى رومانى.
«غەربكە ساياھەت» 100 باب، ئالدىنقى يەتتە بابتا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئەرشنى قالايمىقان قىلىشى يېزىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن، تاڭ سىڭنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن تۆتەيلەن يول بويى خىلمۇخىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جىن - ئالۋاستىلارنى تازىلاپ، ئاخىر نومنى ئېلىپ كەلگەنلىكى يېزىلغان. ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەپسانىۋى قەھرىمان سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يارقىن ئوبرازى يارىتىلغان. سۇن ۋۇكۇڭ ئەرشتىكى ئىلاھىي ھوقۇق بىلەن پەرىشتىكى (زېمىندىكى) جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ جەمئىيەتتىكى قەبىﮫ كۈچلەرنى بويسۇندۇرۇش ئېتىقادى ۋە كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇ مول ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. «غەربكە ساياھەت» تە يەنە فانتازىيە شەكلى ئارقىلىق ئەرشتىكى دۇنيانى ۋە جىن - ئالۋاستىلارنى قىياسەن تەسۋىرلەپ، رېئال جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرنى ئېنىق سۈرەتلەپ بەرگەن، كىشى ئۇنى ئوقۇغاندا تەبىئىي ھالدا خان، بەگ، ۋەزىر، ئەمەلدارلار، يەرلىك زومىگەرلەرنىڭ ياۋۇز ئەپت - بەشىرىسىگە باغلاپ ئويلايدۇ - دە، ئۇلارغا غەزەپ - نەپرىتى تاشىدۇ. ئەلۋەتتە، «غەربكە ساياھەت» نىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىدا يەنىلا بەزى ناچار تەرەپلەر ساقلانغان، مۇھىمى ئۈچ دىننى بىر قىلىۋېتىش، بۇددا ئەقىدىلىرىنى چېكى يوق قىلىۋېتىش، شۇنىڭدەك كارما (ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق كۆرۈش) ئىدىيىسى قاتارلىقلار.
«غەربكە ساياھەت» تە مەسخىرە قىلىش، يۇمۇر ئۇسلۇبى ئارقىلىق رومانتىزملىق ئۇسۇل قوللىنىلىپ، رومان ئاجايىپ، ئۆزگىچە فانتازىيىگە تولدۇرۇلغان، ئۇنىڭدا كەم كۆرۈلىدىغان بەدىئىي تەسەۋۋۇر كۈچى ئىپادىلەنگەن. سۇن ۋۇكۇڭدەك غايىۋىلەشكەن قەھرىماننى يارىتىش جۇڭگو رومانچىلىقى تارىخىدىكى ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت. كىتابتىكى نۇرغۇن پېرسوناژلار ھەم ئاجايىپ غەلىتىلىككە ئىگە، ھەم كۈچلۈك رېئاللىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، ھەم ئۇلاردا ھايۋاننىڭ تەبىئىي مىجەزى بار. ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ جىن - ئالۋاستىلار توغرىسىدىكى رومانلاردا ئوبراز يارىتىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە يارىتىپ بەردى.
«غەربكە ساياھەت» جۇڭگونىڭ پروزا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» لارغا ئوخشاش، جۇڭگو خەلقى پىششىق بىلىدىغان داڭلىق كلاسسىك رومان.