UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىيۆ فېينىڭ تولۇق تەرجىمىھالى

يۆ فېينىڭ تولۇق تەرجىمىھالى

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «يۆ فېينىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» نى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن چيەن سەي، جىن فېڭلار ھەر تۈرلۈك «يۆ فېينىڭ تەرجىمىھالى» لىرى ئاساسىدا تۈزىتىپ ۋە تولۇقلاپ يېزىپ چىققان. روماندا جىن بەگلىكىگە قارشى كۈرەش قىلغان داڭلىق سانغۇن يۆ فېينىڭ ساداقەتمەنلىك، باتۇرلۇققا تولغان ھاياتى، شۇنىڭدەك ئەتراپىدىكى جىن بەگلىكىگە قارشى قەھرىمانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلغان قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلغان قەيسەر ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن، شۇنداقلا جاڭ باڭچياڭ، چىن خۇي ۋەكىللىكىدىكى تەسلىمچىلەرنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ، يول قويغان ۋە شان - شۆھرەت ئۈچۈن دۆلەتنى ساتقان رەزىل قىياپىتىنى ئېچىپ بەرگەن، ئۇ كۈچلۈك مىللىي ئاڭغا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە رومان. يۆ فېيگە ئالاقىدار ھېكايە، رىۋايەتلەر جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىن بۇيانلا خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كەلگەن. «يۆ فېينىڭ تەرجىمىھالى» دا تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا، ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى يۆ فېي توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئېسىل بۆلەكلىرى قوبۇل قىلىنىپ، باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پىششىقلىنىپ، توقۇلما بىلەن پاكىت بىرلەشتۈرۈلۈپ، رومان ھەم پاكىتلىق، ھەم قويۇق ئەدەبىي تۈسكە ئىگە قىلىنغان، بۇ «يۆ فېينىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» نىڭ ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى يۆ فېي ھەققىدىكى ھېكايىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرىپى. «يۆفېينىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. سۇژىت قۇرۇلمىسى گاھى تەپسىلىي، گاھى ئىخچام، گاھىدا يۈزە، گاھىدا ئىنچكە بولۇپ، ناھايىتى ئۆزگىرىشچان. پېرسوناژلار ئوبرازى ناھايىتى يارقىن يارىتىلغان، يۆ فېينىڭ ساداقەت بىلەن دۆلەتكە خىزمەت قىلىشى، نيۇ گاۋنىڭ مەرد، قەيسەرلىكى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى