شىن چىجى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر نەزمچى شىن چىجى (1140 −1207 - يىللار) ئۆزىنىڭ «قىران چاغلار، تۈمەن ئەرنىڭ ئارىسىدا تۇغ - ئەلەمنى لەپىلدەتكەن» دېگەنگە ئوخشاش ھەيۋەتلىك سۆزلەر بىلەن قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان نەزملەرنى يېزىپ، ئەۋلادلارغا نۇرغۇنلىغان مەردانە، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان نەزملەرنى قالدۇرغان.
شىن چىجى، لەقىمى جيا شۇەن، شەندۇڭ جىنەنلىك. شائىر تۇغۇلغان چاغدا يۇرتىنى جىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى بېسىۋالغانىدى، شىمالدىكى خەلقنىڭ ئېغىر بەختسىزلىكى ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. ياشلىق چېغىدا شائىر ھەربىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇۋاتقان قوماندان دى جىڭغا قوشۇلۇپ، دۈشمەنگە زەربە بەرگەن. ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە قايتىش يولىدا، ئۆزى50 چەۋەندازنى باشلاپ جىن قوشۇنىنىڭ بارگاھىغا بېسىپ كىرىپ، خائىن جاڭ ئەنگونى تىرىك تۇتۇپ كېلىپ، چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ خۇبېي، جياڭشى، جېدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سىلاۋچىبەگ بولغان، لېكىن ئوردا جىن سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە قايتا ئەۋەتمىگەن. ئۇ ئۆمرىدە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى ئىككى قېتىم مەنسىپىدىن قالدۇرغان.42 ياشتىن68 ياشقىچە بولغان ئۇزاق يىللاردا شائىر ئاساسلىق جياڭشى شاڭراۋ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان تولۇپ تاشقان قىزغىن ھېسسىياتىنى نەزملىرىگە يېزىپ قالدۇرغان.
شىن چىجى ئىككى سۇڭ سۇلالىسىدىكى شائىرلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ نەزم يازغان كىشى، ئۇنىڭ600 نەچچە پارچە نەزمسى بار. نۇرغۇن نەزملىرىدە دۆلەت، خەلقنىڭ رېئال مەسىلىلىرى تېما قىلىنىپ، تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى ئىپادىلىنىپ، مۇرادىغا يېتەلمىگەن ھەسرىتى تۆكۈلگەن، شۇنىڭدەك جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ نومۇسنى قايرىپ قويۇپ تەسلىم بولغانلىقى مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىنغان. كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان بۇنداق داڭلىق ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، «پوجىنزى. چىن تۇڭفۇغا نەزم يېزىپ ئەۋەتتىم»، «يۇڭيۈلې. ئاستانە قوۋۇقى ئالدىدىكى بېيگۇ راۋىقىدا ئۆتمۈشنى ئەسلەش»، «شۈيلۇڭلىن. جيەنئەندىكى ھۇزۇر راۋىقىغا چىقىش»، «پۇساڭمەن. جياڭشى زاۋكۇدىكى تام پۈتۈك» قاتارلىقلار ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى «يۇڭيۈلې. ئاستانە قوۋۇقى ئالدىدىكى بېيگۇ راۋىقىدا ئۆتمۈشنى ئەسلەش» تە قەدىمكى كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ھەسرىتىنى يېزىپ، قەھرىمانلارغا تەلپۈنۈش ۋە جەڭ قىلىش تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن، ئەۋلادلار ئۇنى شىن چىجى نەزملىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
شىن چىجى نەزملىرىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىدا مەردانىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، غەمكىنلىك، چۈشىنىشلىك، ئىلھامبەخش، يېقىملىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار. نەزم يازغاندا شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماي، تىلدا كۆپ يېڭىلىق ياراتقان، تارىخىي شېئىر بىلەن پروزىنى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈپ، خەلق ئېغىز تىلى بىلەن يېزىشقا ماھىر بولۇپ، نەزم ژانىرىنى نەسرلەشتۈرۈپ، نەزمنىڭ ئىپادىلەش كۇچىنى بېيىتىپ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەزملەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى بىلەن بەدىئىي ئۇسلۇبىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان، سۇ شى باشلىغان مەردانە نەزم ئۇسلۇبىنى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن، شۇڭا، كېيىنكىلەر ئۇنى سۇشى بىلەن قوشۇپ «سۇ − شىن» دەپ ئاتىغان.