خۇاڭ زۇنشيەن
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان شېئىرىيەت دولقۇنىدا نەزەرىيە ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن يول ئاچقۇچى كىشى خۇاڭ زۇنشيەن (1848 −1905 - يىللار) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ لياڭ چىچاۋ كۈچىنىڭ بارىچە مەدھىيىلىگەن «شېئىرىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بىر بايرىقى، ئۇ گۇڭ زىجىندىن كېيىن چىققان ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر.
خۇاڭ زۇنشيەن گۇاڭشۈنىڭ2 - يىلى خەتمىكەردىلىككە ئۆتكەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ،16 -17 يىلدەك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ تۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ بۇرژۇئازىيە پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە يېقىنقى زامان غەرب ئىلىم - پەن، مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان، يەنە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىجادىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، قانۇننى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتچىلىق سىياسىي قارىشى شەكىللەنگەن. دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ شاڭخەيدە كاڭ يۇۋېي، لياڭ چىچاۋ باشچىلىقىدىكى «ئوقۇشنى كۈچەيتىش ئۇيۇشمىسى» غا، «ۋەزىيەت گېزىتى» نى چىقىرىشقا قاتناشقان؛ يەنە خۇنەنگە بېرىپ، باش مۇپەتتىش چىن باۋجىننىڭ يېڭى سىياسەتنى يۈرگۈزۈشىگە ياردەملەشكەن، ئۇ يېڭىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم كىشىلىرىنىڭ بىرى. ۋۇ شۈ قانۇن ئۆزگەرتىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، يېزىغا بېرىپ ماكانلاشقان، ئۇ يەردە باش چۆكۈرۈپ ئىجاد قىلىپ، «شېئىرىيەت ئىنقىلابى» تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن.
خۇاڭ زۇنشيەن يېقىنقى زامان تارىخىدا ھەم دىپلومات ۋە ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، ھەم يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر. ئۇ ئۆمۈر بويى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شېئىر دەۋر روھى ۋە چىن ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، ئەنئەنىۋى «يول بىردەك بولۇش» (كۇڭزىچە ئىلىم ئىدىيىسى سىستېمىسى)، «ئۇسلۇب بىردەك بولۇش» ۋە ھەر خىل قەدىمكىگە تەقلىد قىلىش مەسلەكلىرىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «شېئىرىيەت ئىنقىلابى» نىڭ مۇھىم تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى كەڭ، مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، يېقىنقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تارىخىدىكى ئىشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ نۇرغۇن چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى شېئىرلىرىغا كىرگۈزگەن. جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىدا خۇاڭ زۇنشيەن «فېڭ گېنرالغا مەدھىيە» نى يېزىپ، گېنېرال فېڭ زىسەينىڭ دۈشمەنگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىقىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن؛ جياۋۇ ئۇرۇشى ۋاقتىدا، شائىر ئۇرۇشنىڭ جەريانىغا ئەگىشىپ، «پىڭراڭغا لەنەت، دۇڭگۇغا سەپەر، لۇشۈن ئۈچۈن قايغۇرىمەن، ۋېيخەيگە يىغلايمەن» قاتارلىقلارنى يازغان. گېڭزى ۋەقەسى، يىخېتۇەن ھەرىكىتى، شىنچۇ شەرتنامىسى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ شائىرنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلىگەن.
خۇاڭ زۇنشيەن شېئىرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ئەنئەنىۋى شېئىر شەكلى بىلەن يېڭى مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، يېڭى ئاتالغۇلار بىلەن كونا ۋەزىننى بىرلەشتۈرۈپ، «قولۇم ئاغزىمنى يازىدۇ» دەپ ماختانغان. يېڭى مەزمۇننى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇ شېئىرنىڭ شەكلى جەھەتتە نۇرغۇن بۆسۈش ھاسىل قىلغان، مەسىلەن، قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىشچان، مىسرالىرى تەكشى ئەمەس، ئادەتتە سەھىپىسى ئۇزۇنراق بولۇپ، جۇڭگونىڭ كلاسسىك شېئىرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدە يېڭىلىق ياراتقان، لياڭ چىچاۋ ئوتتۇرىغا قويغان «كونا ئۇسلۇبقا يېڭى مەنە بېرىش» تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «شېئىرىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بىر بايراقدارىغا ئايلانغان.