تۇرنىلار ئۇچتى شەرقىي جەنۇبقا
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«تۇرنىلار ئۇچتى شەرقىي جەنۇبقا» ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ئېپىك داستان. ئۇنىڭ ماتېرىيالى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ شيەندى يىللىرى لۇجياڭ ئايمىقى(ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسى تەۋەسىدە)دا يۈز بەرگەن بىر نىكاھ تراگېدىيىسىدىن ئېلىنغان. ئەسلىدە خەلق ناخشىسى بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئەدىبلەرنىڭ پىششىقلىشى بىلەن مۇشۇ تۈسكە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ھېكايىدە خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى جيەنئەن يىللىرىدا ئۆتكەن ليۇ لەنجى ئىسىملىك گۈزەل، ئاق كۆڭۈل، ئەقىللىق ۋە ئىشچان بىر ئايال بايان قىلىنغان. ئۇ جاۋ جۇڭچىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بىر - بىرىنى ئىززەتلىشىپ، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئويلىمىغاندا، بۇ ئىش جاھىل جاۋ ئانىنىڭ كۆزىگە سىغماي قالىدۇ - دە، ھە دېسىلا ئۇلاردىن قۇسۇر تاپىدۇ ھەم جاۋ جۇڭچىڭنى خوتۇنىنى قوغلىۋېتىشكە قىستايدۇ. جاۋ جۇڭچىڭ ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي، ئامالسىز ليۇ لەنجىگە ئانىسىنىڭكىگە ۋاقىتلىق قايتىپ كېتىپ تۇرۇشنى، كېيىن ئامال قىلىپ ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئايرىلىدىغان چاغدا، ئىككىسى بىر - بىرىدىن مەڭگۈ يۈز ئۆرۈمەسلىككە قەسەم قىلىشىدۇ. كىم بىلسۇن، ليۇ لەنجى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەگ - غوجاملارنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ جان باقىدىغان ئاكىسى ئۇنى ۋالىينىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولۇشقا قىستايدۇ. جاۋ جۇڭچىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا يېتىپ كىلىدۇ، ئىككىيلەن ئۇ ئالەمدە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىدۇ، ئاخىر ۋالىينىڭ ئوغلى كېلىننى كۆچۈرگىلى كەلگەن كۈنى ئۇلار مۇھەببەت يولىدا بىللە ئۆلۈۋالىدۇ.
«تۇرنىلار ئۇچتى شەرقىي جەنۇبقا» دا ۋاپادار ئەر - خوتۇن ليۇ لەنجى بىلەن جاۋ جۇڭچىڭلارنىڭ تراگېدىيىسى ئارقىلىق فېئوداللىق ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى، ئاتا - ئانىلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە دۆلەتمەن ئائىلە كۆزقارىشىنىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، قىز - يىگىتلەرنىڭ نىكاھ، مۇھەببەت ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان مۇۋاپىق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئايال باش پېرسوناژ ليۇ لەنجىنىڭ مۇھەببەتكە ساداقىتى، فېئودال كۈچلەر ۋە فېئوداللىق ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسىگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلغانلىقى ئۇنى ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئاسىيلىق تۈسى مول بولغان ئايال ئوبرازىغا ئايلاندۇرغان. ئۇ كېيىن قىز - يىگىتلەر تەرىپىدىن ئىزچىل مەدھىيىلەندى. بۇ ئېپىك داستان340 مىسرا،1700 نەچچە خەتتىن تەشكىل تاپقان، ۋەقەلىكى مۇكەممەل، تىلى ئاممىباب، پېرسوناژلار خاراكتېرى روشەن، گەۋدىلىك، قۇرۇلمىسى پۇختا، خاتىمىسىدە رومانتىزملىق ئۇسلۇب قوللىنىلغان، ئۇ خەن سۇلالىسى نەغمە - ناۋا مەھكىمىسىدىكى خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىكى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيان ئۇ تۈرلۈك سەھنە ئەسەرلىرىگە ئۆزگەرتىلىپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى.