UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىجىن پىڭمېي

جىن پىڭمېي

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى شەھۋانە ھېكايىلەر تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر ئۇلارنى «جىن پىڭمېي» گە باغلىۋالىدۇ. «جىن پىڭمېي» دە ھەقىقەتەن شەھۋانىي تۇرمۇش ھەققىدىكى بەزى تەسۋىرلەر بار، لېكىن كىتابتا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي چىرىكلىك ۋە قاراڭغۇلۇق خېلى ئەتراپلىق ئېچىپ بېرىلگەن، بەدىئىيلىكتىمۇ ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئىجادچانلىقى بار، شۇڭا ئۇ پروزا تەرەققىيات تارىخىدا يەنىلا مۇئەييەن ئورۇن تۇتىدۇ. «جىن پىڭمېي» يېزىلغان يىللار تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ۋەنلى يىللىرى، ئاپتورنىڭ نامى لەنلىڭلىق شياۋشياۋشىڭ. لەنلىڭ دېگىنى شەندۇڭنىڭ فېڭشيەن ناھىيىسى (ھازىرقى زاۋجۇاڭ شەھىرى)نى كۆرسىتىدۇ، شياۋشياۋشىڭ ئاپتورنىڭ تەخەللۇسى، ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسمى تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىدى. كىتابنىڭ «جىن پىڭمېي» دېگەن نامى روماندىكى باش پېرسوناژ شى مېنچىڭنىڭ ئۈچ توقىلى پەن جىنليەن، لى پىڭئېر ۋە چۈنمېيلارنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان. روماندا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېكايىسى يېزىلغان، ئەمەلىيەتتە ئەكس ئەتتۈرگىنى ئاپتور ياشىغان مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئىجتىمائىي پاكىتلار. ئەسەردە «سۇ بويىدا» دىكى شى مېنچىڭ، پەن جىنليەننىڭ ھېكايىسى مۇقەددىمە قىلىنىپ، زومىگەر، بيۇروكرات، باي سودىگەر شى مېنچىڭنىڭ جىنايەتلىك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. كىتابتا شى مېنچىڭنىڭ ھوقۇقدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يېزىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغان قانۇنسىز قىلمىشلىرى چوڭقۇر پاش قىلىنىپ، فېئودال جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىشىپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئۆزىگە خاس ماھىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ بىزنىڭ فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي ماھىيىتىنى ۋە ئېكسپىلاتاتور سىنىپلارنىڭ جىنايىتىنى تونۇۋېلىشىمىزدا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە. ئېلىمىز رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا «جىن پىڭمېي» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» قاتارلىق رومانلارنى ئاپتورلار خەلق ئىچىدە ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن چۆچەك، قىسسە ۋە درامىلارنى پىششىقلاپ يېزىپ چىققان، ئۇلار خەلق ئاممىسى بىلەن يازغۇچىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى؛ «جىن پىڭمېي» بولسا، ئەدىب مۇستەقىل ئىجاد قىلغان تۇنجى رومان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رومانلارنىڭ باش پېرسوناژلىرى خان، ۋەزىر - ۋۇزرالار بولمىسا، باتۇر ئەزىمەتلەر بولاتتى. يېزىلغان ۋەقەلىكلىرىمۇ زور ۋەقەلەر ئىدى، «جىن پىڭمېي» دا بولسا، تەسۋىرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پۇقرالارغا قارىتىلىپ، بىر ئائىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىش، كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، «كىشىلىك ھېسسىيات ھەققىدىكى رومان» لار ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى، كېيىن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رومانلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىمۇ «جىن پىڭمېي» نىڭ تەسىرى مۇقەررەر ئاز بولمىغان. گەرچە «جىن پىڭمېي» نىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە رومان ئىجادىيىتى جەھەتلەردە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان يەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نۇقسانلىرى ۋە پاسسىپ تەسىرلىرىنىمۇ ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتور ناتۇرالىزملىق ئۇسۇلنى قوللانغان، پاش قىلغان ئوبيېكتقا نىسبەتەن مۇھەببەت - نەپرەت پوزىتسىيىسىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن، ھەتتا بىقسىغان تۇرمۇشنى ھۇزۇرلىنىش نەزىرى بىلەن تەسۋىرلىگەن، كىتابتا يەنە نۇرغۇن يالىڭاچ شەھۋانىيلىق تەسۋىرلىرى بار، بۇنداق مەينەتچىلىكلەر ياش - ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن سەل قارىغۇسىز چىرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جىن پىڭمېي | UyghurWiki | UyghurWiki