لۇ يۈ
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«ئۆلگەندە ھەممە تۈگەرىنى بىلسەممۇ ئەسلىي، ئۆكۈنىمەن بىرلەشتۈرەلمەي توققۇز ئىقلىمنى. ئۆيدىكىلەر پېقىرغا بەرسىكەن نەزىر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىنچىغان كۈنى.» نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەر بۇ شېئىرنى ھەربىر ئوقۇغىنىدا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغاپ، تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇ يۈ.
لۇ يۈ (1125 −1210 - يىللار)نىڭ تەخەللۇسى ۋۇگۇەن، لەقىمى فاڭ ۋېڭ، جېجياڭ شەنيىڭ (ھازىرقى شاۋشىڭ)لىق. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى دەل مىللىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خەۋپكە دۇچ كەلگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى لۇ زەي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە زىيالىي ئىدى، ئۇ سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن تەربىيە بېرىپ، لۇ يۈدە كىچىكىدىنلا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىدىيىنى، دۇشمەننى يوقىتىپ، دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغان.
دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، لۇ يۈ فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى باشقا زىيالىيلارغا ئوخشاش كېجۈ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش يولىغا ماڭىدۇ.29 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئاستانە(لىنئەن)گە بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشقاندا، نەتىجىسى ساتقۇن ۋەزىر چىن خۇينىڭ نەۋرىسى چىن شۈننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قالغاچقا، چىن خۇينىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ. چىن خۇي ئۆلگەندىن كېيىنلا، لۇ يۈ ئىشقا قويۇلىدۇ. ئۇ جىن سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئىزچىل تۈردە ئوردىدىكى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇ پۇرسەت بولسىلا ئوردىغا مەلۇمات سۇنۇپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇشقا ئائىت نۇرغۇن تاكتىكا ۋە سىياسىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، بەزى ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەر ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، بەزى گۇناھلارنى ئارتىپ، ئۇنى مەنسىپىدىن ئېلىۋەتكەن. ئالتە يىلدىن كېيىن، ئۇ جىن سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ داھىيسى ۋاڭ يەننىڭ قول ئاستىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. لۇ يۈ ئالدىنقى سەپكە كېلىپ ھەربىي مەشىق قىلىپ، قولىغا قورال ئېلىپ، ئاتنى ئوينىتىپ، دۇشمەن بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلانغان، لېكىن ھاماقەت خان تۆھمەت گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋاڭ يەننى لىن ئەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، لۇ يۈنى چېڭدۇغا ئەۋەتىۋەتكەن. گەرچە ئۇ دۈشمەننى يوقىتىپ دۆلەتكە خىزمەت قىلىش مۇرادىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نەچچە ئون يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق تۇرمۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلغان ئەزىمەتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىنى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە سېغىنىشىنى، شۇنىڭدەك تەسلىمچىلەرگە بولغان چەكسىز كەمسىتىش ۋە نەپرەت ھېسسىياتىنى شېئىرلىرىغا سىڭدۇرگەن. ئۇ مەردانە، مۇڭلۇق ناخشىسىدا شۇ دەۋردىكى ئەڭ ياڭراق سادانى ياڭرىتىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر بولۇپ قالغان.
لۇ يۈ ئىجادىيەت روھى ئۇرغۇپ تۇرغان كۆپ ھوسۇللۇق شائىر، ئۇنىڭ9000 دىن ئارتۇق شېئىرى تا بۈگۈنگىچە تارقىلىپ كەلگەن، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا ئەڭ كۆپ شېئىر يازغان كىشى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەيلى كونا ئۇسلۇبتىكىلىرى بولسۇن، مەيلى لۈشى ئۇسلۇبىدىكىسى بولسۇن، جۆجۈ شەكلىدىكىسى بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئېسىل ئەسەرلەر بار، كىشىلەر ئۇنى «كىچىك لى بەي» دەپ ئاتىشاتتى. تىل جەھەتتە، لۇ يۈنىڭ شېئىرلىرى راۋان، ئوقۇشلۇق، تاۋلانغان، تەبىئىي، «بىرمۇ قاملاشمىغان سۆز يوق». ئۇنىڭ قابىلىيىتى ئۈستۈن، مۇھاكىمىسى مېغىزلىق، ئەسەرلىرى مەزمۇنلۇق، قەلىمى كۈچلۈك. ئۇنىڭ «تاغ - دەريا قاتمۇقات، بۇندا زادى يول قايان؟ بۈك باراقسانلىق ئىچىدىن، كۆرۈندى بىر خىلۋەت ماكان»، «باھار يامغۇرىنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىدىم، كىچىك راۋاقتا تۇرۇپ بىر كېچە. ساتاركەن كىشىلەر ئۆرۈك چېچىكى، سۈبھىدە ئىچكىرى كوچا ئىچىدە» قاتارلىقلارنى كىشىلەر داۋاملىق ئوقۇپ كەلمەكتە. لۇ يۈنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جەمئىيەت رېئاللىقىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن، شۇڭلاشقا بەزىلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى «شېئىرىي تارىخ» دەپ ئاتىغان.
لۇ يۈ ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات خەزىنىسىگە «ۋېينەن ئەسەرلىرى توپلىمى» 50 جىلد، «جيەننەن شېئىرلىرى»، 85 جىلد، «فاڭ ۋېڭنىڭ چېچىلىپ كەتكەن ئورىگىناللىرى» ئۈچ جىلد، «جەنۇبىي تاڭنامە» 18 جىلد، «كەپىدە يېزىلغان خاتىرىلەر» 10 جىلد قاتارلىق مىراسلارنى قالدۇردى.