ليۇ زۇڭيۈەن
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
خەن يۈ بىلەن بىللە قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان ليۇ زۇڭيۈەن (773 −819 - يىللار) جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن نەسرچى، بولۇپمۇ تاغ - دەريا ساياھەت خاتىرىسى يېزىشتا داڭق چىقارغان، ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە.
ليۇ زۇڭيۈەننىڭ ئىدىيىسىدە روشەن ماتېرىيالىستىك خاھىش بار. «تەڭرىگە جاۋاب» تا چۈي يۈەننىڭ «تەڭرىگە سوئال» ىغا جاۋاب بېرىپ، كائىناتنى ئىلاھ ياراتقان دېگەننى ئىنكار قىلغان؛ «تەڭرىنىڭ سۆزى»، «دۆلەت تىلى ئەمەس»، «جازا ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا»، «دىيانەت تۇمارى» قاتارلىقلار مۇھىم ماتېرىيالىستىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ليۇ زۇڭيۈەننىڭ نەسرلىرى خەن يۈنىڭكى بىلەن تەڭ داڭق چىقارغان، شۇڭا، تارىختا ئۇلار «خەن - ليۇ» دەپ ئاتىلىپ، خەن يۈ بىلەن بىللە قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ھاياتىدا600 نەچچە پارچە ئەسەر قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مول، رېئال مەزمۇنغا ۋە ئېسىل بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر.
ليۇ زۇڭيۈەننىڭ تاغ - دەريالار ساياھەت خاتىرىلىرى ئۇ مەنسىپى چۈشۈرۈلۈپ يۇڭجۇغا كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان. سىياسىي جەھەتتىكى ئۈمىدسىزلىك ئۇنى تاغ - دەريالارنى يېزىشقا ئۈندىگەن ھەم مەنزىرىنى كونكرېت تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ ئۇسلۇبى يېڭى، چىرايلىق، لىرىك ھېسسىياتقا باي ھەم تەڭسىزلىكتىن ھەسرەتلىنىش ھېسسىياتى ۋە رەزىل رېئاللىققا بولغان نارازىلىقى ئەگىتىپ ئىپادىلەنگەن. ئۇ لى داۋيۈەننىڭ »دەريالار تەپسىراتى ئىزاھاتى«نىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىرئاز راۋاجلاندۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تاغ - دەريالار ساياھەت خاتىرىسى يېزىشىغا ئۈلگە بولدى. داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «يۇڭجۇ ھەققىدە سەككىز خاتىرە»: «غەربىي تاغقا دەسلەپكى ساياھەتتىن تەسىرات»، «گۇمۇ ھاۋزىسى»، «گۇمۇ ھاۋزىسىنىڭ غەربىدىكى كىچىك ئېدىرلىق»، «غەربكە سوزۇلغان كىچىك ئېدىرلىقتىكى شېغىللىق ھاۋزا»، «تاش ئۆستەڭ»، «تاش جىلغا»، «كىچىك تاش قەلئە» قاتارلىقلار بار. ئۇ تاغ - دەريالارنى تەسۋىرلىگەندە تاغ - دەريالارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇسلۇبى ئىخچام ۋە ئاجايىپ جانلىق. «گۇمۇ ھاۋزىسىنىڭ غەربىدىكى كىچىك ئېدىرلىق» تا، ئۇ بىر ئادەتتىكى كىچىك ئېدىرلىقنى ئىنتايىن جانلىق تەسۋىرلىگەن، ئۇ يەردىكى سەزگۈسىز غەلىتە تاشلار ئۇنىڭ قەلىمىدە سۈرەتلىنىپ، گويا جانلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
ليۇ زۇڭيۈەن دەريالارنى يازسۇن، دەل - دەرەخلەرنى يازسۇن، قىيا تاشلارنى يازسۇن، ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى يازسۇن، مەيلى تىنچ ھالەتتىكى نەرسىلەرنى ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسىلەرنى يازسۇن، ھەممىسىنىلا جانلىق، ئىنچىكە تەسۋىرلەپ، باشقىچە گۈزەللەشتۈرۈۋېتەتتى.