كۈلدۈرگە
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
ھەرقانداق بىر سەنئەت كېچىلىكىدە، كۈلدۈرگە نومۇرى كەم بولمايدۇ، ئارتىسنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرى، قىزىقچىلىق ئىپادىلىرى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتىدۇ. كۈلدۈرگە ئەڭ كەڭ تارقالغان، خەلق ئاممىسى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەلنەغمە خىلىدۇر.
كۈلدۈرگىنىڭ تارىخى ئۇزاق، كەينىمىزگە يېنىپ قارىساق چىن سۇلالىسىدىكى قىزىقچىلىق ئويۇنى، تاڭ سۇلالىسىدىكى ھەربىيگە قاتنىشىش ئويۇنىغا تۇتىشىدۇ. سۇڭ سۇلالىسىدىكى كاھىشلىق ئۆيدە ھەييارلىق، قىزىقچىلىقلار ئوينىلىپ تۇراتتى، مىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان، كۈلدۈرگە (声象) دەپ ئاتالغان ئويۇن بىلەن كۈلدۈرگە سۆزلەش ئومۇملاشقانىدى. ھازىرقى شەكىلدىكى كۈلدۈرگە (声相) ئاساسەن چىڭ سۇلالىسىدىكى چيەن لۇڭ زامانىدا شەكىللەنگەن. دەسلەپتە بېيجىڭ، تيەنجىن رايونلىرىدا تارقىلىپ، شىمالىي رايونلارنىڭ بىر خىل ئەلنەغمىسى ھېسابلانغان، كېيىن جەنۇبىي رايونلارغا كېڭەيگەن، ھازىر ھەرقايسى جايلاردا يەرلىك تىلدا سۆزلەيدىغان كۈلدۈرگىلەر كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەلنەغمىنىڭ بىر خىلىغا ئايلاندى.
شياڭشېڭ (كۈلدۈرگە) — تىلنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلغان بىر خىل كومېدىيىلىك ئەلنەغمە. ئۇ كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشنى بەدىئىي ئالاھىدىلىك، «سۆزلەش، دوراش، پاس چىقىرىش، ئېيتىش» نى ئاساسلىق بەدىئىي ۋاسىتە قىلىدۇ. بۇ يەردىكى «سۆزلەش» — كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلىش، تېپىشماق ئېيتىش، تېز سۆزلەشنى؛ «دوراش» − سېتىقچىلارنىڭ ھەر خىل ۋارقىراشلىرىنى، باشقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى، ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ چىراي - تۇرقى، سۆزلىرىنى دوراشنى؛ «پاس چىقىرىش» − ئۆزئارا بىر - بىرىگە پاس چىقىرىپ كۈلدۈرۈشنى؛ «ئېيتىش» − ھەر خىل ئاھاڭلارغا كۈلكىلىك تېكىستلەرنى سېلىپ ئېيتىش ياكى مەلۇم بىر شىچۈي تىياتىرىدىكى تېكىست، ئاھاڭلارنى مۇبالىغە قىلىپ ئېيتىش ئارقىلىق كۈلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. كۈلدۈرگىنىڭ كۈلكىسى «تۈگۈن» (袱包) دىن ئىبارەت ئالاھىدە بەدىئىي ۋاسىتىدىن كېلىدۇ. ئارتىس ھەربىر «كۈلكە ماتېرىيالى» نى گەپنىڭ تېگىگە ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ قويۇپ، پەيتى كەلگەندە تۈگۈننى يېشىپ تۇيۇقسىز ئاشكارىلايدۇ، تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىققانلىقى ھەم ئەقىلغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق كۈلىدۇ.
كۈلدۈرگە ئورۇنداش شەكلىگە قاراپ، تاق كىشىلىك، جۈپ كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. تاق كىشىلىك كۈلدۈرگىنى بىر ئارتىس ئورۇندايدۇ، كۈلدۈرگە سۆزلەيدۇ، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى جەلپدار بولىدۇ؛ جۈپ كىشىلىك كۈلدۈرگىنى ئىككى ئارتىس، بىرى سوراپ، بىرى جاۋاب بېرىپ ئورۇندايدۇ. ئادەتتە ئۇ «بىر بېشى ئېغىر بولۇش» (بىر ئادەم ئاساس، يەنە بىرى قوشۇمچە بولۇپ سۆزلەش) ۋە «ئىككىسى ئۆزئارا تالىشىش» تەك ئىككى خىل بولىدۇ. كۆپ كىشىلىك كۈلدۈرگىنى ئۈچ ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئورۇندايدۇ.
كۈلدۈرگە سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كىنايە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ ھەم ئەكسىيەتچىل چىرىك شەيئىلەرنى قامچىلايدۇ، ھەم خەلق ئىچىدىكى قالاق ھادىسىلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، يەنە چىن، ياخشى، گۈزەل شەيئىلەرنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، يېڭى ئادەم، يېڭى ئىش، يېڭى خىسلەتلەرنى مەدھىيىلەيدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى كۈلدۈرگە نومۇرلىرى300 دىن ئاشقان. بۇلاردىن ئاساسلىقى، تاق كىشىلىك كۈلدۈرگىدىن «كىچىك ئەۋلىيا، ياغلىما ئېغىز دەللال، ئۇدا ئۈچ دەرىجە ئۆسۈش»؛ ئىككى كىشىلىك كۈلدۈرگىدىن «كەسىپ ئۆزگەرتىش، ئۈچ دۆلەتنى خاتا تەنقىد قىلىش، تىياتىر ھەققىدە توختىلىش»؛ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى ئەسەرلەردىن «ئىزچىل يول، قالپاق زاۋۇتى» قاتارلىقلار بار.