چاڭ مۇزىكىلىق قىسسە
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
ئەلنەغمە ئارىسىدىكى چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى (书琴)، ئېيتقاندا چاڭ ئاساسلىق تەڭكەش چالغۇسى قىلىنغانلىقتىن، ئۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.
چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ، بېيجىڭ چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى(书琴京北)، خېبېي چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى (书琴城翼) ، ۋۇشياڭ چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى(书琴乡武) ، شۈيجۇ چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى(书琴州徐) ، ئەنخۇي چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى(书琴徽安) ، شەندۇڭ چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى(书琴东山) ، گۇيجۇ چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى (书琴州贵) ، سىچۇەن چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى (书琴川四) ، يۈننەن چاڭ مۇزىكىلىق قىسسىسى (书琴南云) قاتارلىقلار بار. بۇ مۇزىكىلىق قىسسىسىلەرنىڭ تەكتى ئوخشاشمايدۇ، كۆپىنچىسى يەرلىك خەلق ناخشىلىرىدىن كەلگەن، بەزىلىرى تەنخۇاڭ (簧滩) ئەلنەغمىسى، جەنۇب نەزمىسى (词南) نىڭ تەسىرىدىن ياكى دۇمباق نەغمىسىدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان. ئالايلۇق، ئەنخۇي چاڭ مۇزىكىلىق نەغمىسى ئەسلىدە سىجۇ رايونىدا كەڭ تارقالغان لاۋفېڭ كۈيى، سىجۇ كۈيى، تاغ ناخشىسى، خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. بېيجىڭ چاڭ مۇزىكىلىق نەغمىسى بىلەن شەندۇڭ چاڭ مۇزىكىلىق نەغمىسىنى ئەسلىدە دېھقانلار ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشىغاندا بىر - بىرىگە ئېيتىشىپ كۆڭۈل ئاچقان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ كەسپىي ئورۇنداشقا ئۆزگەرگەن.
چاڭ مۇزىكىلىق نەغمىسىنىڭ ئورۇنداش شەكلى ھەر خىل، ئۇنىڭ بىر ئادەم ئۆرە تۇرۇپ ئېيتىش، ئىككى ياكى كۆپ ئادەم ئولتۇرۇپ ياكى مېڭىپ ئېيتىش، رول تەقسىم قىلىپ ئېيتىش شەكىللىرى بار. تېكىستىمۇ شۇنىڭغا قاراپ يەتتە خەتلىك مىسرا، ئون خەتلىك مىسرا ۋە ئۇزۇن - قىسقا مىسرالىق بولىدۇ. ئۇنىڭدا سۆزلەيدۇ ھەم ئېيتىدۇ، ئادەتتە، ئېيتىش ئاساس، سۆزلەش قوشۇمچە بولىدۇ. تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇلار چاڭدىن باشقا يەنە سەنشۇەن، ئېرخۇ، جېڭ، جۇيخۇ قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ.
چاڭ مۇزىكىلىق ئەلنەغمىسىنىڭ نومۇرلىرى ئوتتۇراھال، قىسقا ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇزۇن ئەسەرلەرنىمۇ ئارىلاپ ئىشلىتىدۇ. كۆپىنچە تارىخىي ھېكايىلەر ۋە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى خام ماتېرىيال قىلىدۇ، ئۇلاردىن تىپىك بولغانلىرى «جېن گۇەنشىنى مۇشت بىلەن ئۇرۇش» (西关镇打拳) ، «باۋگۇڭ دېلوسى»، «ياڭ ئائىلىسىدىكى باتۇرلار»، «لياڭ سەنبەي بىلەن جۇيىڭتەينىڭ تاغدىن چۈشۈشى»، «كۆك كۆۋرۈكتە ئۇچرىشىش»، «پاختا تېرىش» قاتارلىقلاردۇر، يەنە رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نومۇرلارمۇ بار. مەسىلەن، «لېي فېڭ» قاتارلىقلاردۇر.