رىتىمى ئېنىق كۇەيبەر
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
ئەلنەغمە ئارىسىدا، كۇەيبەر (رىتىملىق نەزم) كەڭ ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بىر خىل نەزم سەنئىتى. ئورۇندىغۇچى قولىغا قومۇش تاختا ياكى مىس تاختا ئېلىپ، رىتىملىق ئۇدار بويىچە چالغاچ سۆزلەپ، بىر ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كۇەيبەر ئىخچام، چاققان، ئەركىن، تېتىك، نەق مەيداندا تۈزۈپ سۆزلەيدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشنى ئەڭ تېز ئىنكاس قىلالايدۇ.
كۇەيبەرنىڭ ئورۇنداش شەكلى ناھايىتى كۆپ، ئادەتتە كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى پۇل تىلەش قىسسىسى، تاقىلداق قىسسىسى، دۇمباق قىسسىسى، سىچۇەننىڭ تىللا تاختا قىسسىسى، شەندۇڭ تاقىلداق قىسسىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
پۇل تىلەش قىسسىسى — شىمالىي رايونلاردا كەڭ تارقالغان. بېيجىڭ تىلىدا ھەم تېز، ھەم رىتىملىق ئېيتىپ ئورۇنداشنى «شۇ» (数) دەيدۇ، «لەيباۋ» (宝来) دېگىنى پۇل كەلسۇن دېگەن مەنىدە. دەسلەپتە، سەنئەتچىلەر كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ ئېيتىپ، قومۇش تاختا ياكى قوڭغۇراق بېكىتىلگەن كالا سۆڭىكىدە ئۇدار ئۇرۇپ، نېمە كۆرسە، شۇنى قوشاققا قېتىپ، دەمال ئورۇندىغان. ئادەتتە6 ~7 خەتلىك مىسرا، رىتىمى تېزرەك، ئېغىزغا يېقىن، ئېيتىشقا ئەپلىك بولۇش تەلەپ قىلىناتتى. ئەمدى ئۇنى سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن كوچىلاردا يۈرۈپ ئېيتقان چاغدىكى بىر ئادەم ئورۇنداشتىن ئىككى ئادەم ئورۇنداشقا تەرەققىي قىلدى، مەزمۇنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.
تاقىلداق قىسسىسى — شىمالىي رايونلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، «پۇل تىلەش قىسسىسى» دىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان، قومۇش تاختا بىلەن ئۇدار ئۇرۇش ئارقىلىق نام چىقارغان. ئەسلىدىكى نېمىنى كۆرسە شۇنى قوشاققا قېتىپ ئېيتىشنى ھېكايە ئېيتىشقا ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئەسلىدىكى مىسرا شەكلى، رىتىم ۋە قاپىيە شەكلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «پۇل تىلەش قىسسىسى» غا ئوخشاشمىغان بىر خىل ئەلنەغمە شەكلىنى بەرپا قىلغان.
دۇمباق قىسسىسى — يەنە تاڭلوشۇ «ئارا دۇمباق قىسسىسى» (书锣镗) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاڭخەينىڭ جياۋشيەن ناھىيىسىدە پەيدا بولۇپ كەڭ تارقالغان. ئورۇندىغۇچى كىچىك دۇمباق، ئارا دۇمبىقىنى چالغاچ ئېيتىدۇ، كامانچىلىق چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىنىدۇ. مىسراسى يەتتە خەتلىك مەدھىيە شېئىر شەكلىدە بولۇپ، ئېيتىش بىلەن سۆزلەش تەڭ ماڭىدۇ، تىلى ئاممىباب، ئاھاڭى خەلق ناخشىسىغا يېقىن بولغاچقا، دېھقانلار بەك ياخشى كۆرىدۇ.
سىچۇەننىڭ تىللا تاختا قىسسىسى — سىچۇەن، يۈننەن ۋە گۇيجۇ ئۆلكىلىرىدە كەڭ تارقالغان. ئورۇندىغۇچى سول قولىغا قومۇش تاختىدىن ئىككىنى، ئوڭ قولىغا بىرنى ئېلىپ، ئۇدار ئۇرغاچ ئېيتىدۇ. ئۇ قومۇش تاختىغا مىس يارماق ئورنىتىلغانلىقتىن، «تىللا تاختا» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل كەيپىيات ياراتقىلى، ئوخشاش بولمىغان توققۇز خىل رىتىم ۋە ئاۋازلارنى چىقارغىلى بولىدۇ.
كۇەيبەر ئارىسىدا شەندۇڭ كۇەيبەر قوشىقى ئەڭ داڭلىق. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە پەيدا بولۇپ، شىمالىي رايونلارغا كەڭ تارقالغان. دەسلەپتە، ئورۇندىغۇچى ئىككى دانە كاھىش پارچىسىدا ئۇدار ئۇرۇپ رىتىم ئىگىلىگەن، كېيىن قومۇش تاختىغا ئۆزگەرتكەن، ھازىر كۆپىنچە مىس تاختا ئىشلىتىلىدۇ. تېكىستكە يەتتە خەتلىك قاپىيىلىك ئەسەرلەر ئىشلىتىلىدۇ، ئارىسىغا سۆز قىستۇرۇلىدۇ. تىلى شوخ، قىزىقارلىق، ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي، تەسىرلىك، ئىپادە ھەرىكەتلىرى مۇبالىغە قىلىنىدۇ. ئۇسلۇبى مەردانە بولۇپ، دائىم باتۇرلارنىڭ زوراۋانلارنى يوقىتىپ، ئەلنى خاتىرجەم قىلغان ھېكايىلىرى ئېيتىلىدۇ. دەسلەپتە مەخسۇس لياڭشەندىكى باتۇر ۋۇسۇڭنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنەتتى. شۇڭا، «ۋۇسۇڭ قىسسىسى» (二老武) دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى نومۇرلىرىدىن «ۋۇسۇڭ قىسسىسى، لۇدانىڭ زوراۋاننى يوقىتىشى، ما ئائىلىسىنىڭ دېڭى» (店家马) قاتارلىقلار بار. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە «يۈەنجيا چېڭزىنى پەم بىلەن ئېلىش، دەيگۇشەن تېغىدىكى جەڭ» قاتارلىق ھازىرقى زامان نومۇرلىرى ئىجاد قىلىنىپ ئوينالغان.