تاق روللۇق ئويۇن
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
ئەلنەغمە خىللىرى ئىچىدە كىشىنى كۈلدۈرىدىغان شىمالىي رايوننىڭ كۈلدۈرگىلىرىدىن باشقا، يەنە جەنۇبىي رايوننىڭ تاق روللۇق ئويۇنى (戏脚独) بار.
تاق روللۇق ئويۇن «قىزىقچىلىق» (稽滑) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ1920 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ ئۆلكىلىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن «شياۋ رېنىڭ تويى(婚热小)، يېڭى خەۋەر ئېيتىش (闻新唱)، تام قوشنىنىڭ ئويۇنى (戏壁隔) » قاتارلىقلاردىن تەرەققىي قىلىپ، دراما ۋە كۈلدۈرگىنىڭ ئورۇنداش ئۇسۇلىدىن ئازراق قوبۇل قىلىپ، «نەزم» ۋە «قىزىقچىلىق» شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە مۇستەقىل ئەلنەغمە خىلىغا ئايلانغان.
تاق روللۇق ئويۇننى دەسلەپتە بىر ئادەم يالغۇز ئورۇندىغان، كېيىن ئىككى ئادەم بىرلىشىپ ئورۇندايدىغان بولغان، ئۈچ كىشى ئورۇندىغىنىمۇ بار، ئورۇندىشى ئاساسەن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: بىر خىلى كۈلدۈرگە سۆزلەش ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىك تىللىرىنى دوراش بىلەن كۈلدۈرىدۇ؛ يەنە بىر خىلى ھەر خىل يەرلىك شىچۈي تىياتىرلىرىنىڭ ناخشىلىرى، جەمئىيەتتىكى ناخشىلارنى دوراپ ئېيتىش ياكى قىزىق ھېكايىلەرنى ئۆزى بىلگەنچە غەيرىي ئاھاڭلارغا سېلىپ ئېيتىشنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە رەڭلىك ئېيتىش شەكلىمۇ بار، نەق مەيداندا گىرىم قىلىپ، ئارتىس ۋە ھېكايىدىكى پېرسوناژلارنىڭ سالاھىيىتىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تاق روللۇق ئويۇننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى ۋاڭ ۋۇنېڭ، جياڭ شياۋشياۋ ۋە ليۇ چۈنشەن بولۇپ، ئۇلار «ئۈچ قىزىقچى» دەپ ئاتالغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ ئويۇن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بىر خىل يەرلىك شىچۈي تىياتىرى — «قىزىقچىلىق ئويۇنى» غا ئايلانغان، ئەمما ئەلنەغمە دەپ ھېسابلانغان تاق روللۇق ئويۇن يەنىلا داۋاملىق تارقالغان. ئەنئەنىۋى نومۇرلىرىدىن «نىڭبودىكى مۇزىكانت، نوپۇس تەكشۈرۈش، پۇرژىنىلىق ھارۋا، 72 مېھمان» قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان. كېيىن يەنە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى نومۇرلار ئىجاد قىلىنغان، مەسىلەن، «كىنو كۆرۈش، ئىككى ساتىراش، يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قېلىش» قاتارلىقلارغا ئوخشاش.