UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو نەزم سەنئىتىمېڭىپ ئېيتىپ ئوينايدىغان ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە

مېڭىپ ئېيتىپ ئوينايدىغان ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە

جۇڭگو نەزم سەنئىتى شەرقىي شىمال رايونىدا تارقالغان بىر خىل ئەلنەغمە بار: بىر ئەر، بىر ئايال ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، قولىغا يەلپۈگۈچ، قولياغلىق ئېلىپ، ماڭغاچ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىر ھېكايىنى ئىپادىلەيدۇ، ناخشىسى كۆتۈرەڭگۈ، مەردانە، تېكىستى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولىدۇ، مانا بۇ ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە (转人二) دېيىلىدۇ. ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە «بىڭبىڭ» (蹦蹦)، «جۈپ ئوينايدىغان سەنئەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ200 يىللىق تارىخقا ئىگە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ خەلق ناخشىلىرى، چوڭ ياڭگىر ناخشىلىرى ئاساسىدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ليەنخۇالو كۈيىنى قوبۇل قىلىپ شەكىللەنگەن. ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە راۋاجلىنىش جەريانىدا، شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال دەپ تۆت ئېقىم پەيدا بولغان. شەرق ئېقىمى جىلىن شەھىرىنى نۇقتا قىلغان، ئۇنىڭدا ئۇسسۇل، چامباشچىلىق بار؛ جەنۇب ئېقىمى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يىڭكۇ شەھىرىنى نۇقتا قىلغان، چوڭ ياڭگىر ناخشىسىنى ئاساس قىلىدۇ ھەم ناخشا - ئۇسسۇل بار؛ غەرب ئېقىمى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خېشەن شەھىرىنى نۇقتا قىلغان، ئۇ خېبېي ئۆلكىسىدىكى ليەنخۇا ئەلنەغمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، باشلانمىسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ؛ شىمال ئېقىمى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى بېيداخۇاڭنى نۇقتا قىلغان، يەرلىك خەلق ناخشىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ناخشىلىرى يېقىملىق چىققان، كېيىن ھەرقايسى ئېقىملار بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۆزگىچە ئىدى، دەسلەپتە ئىككى ئەر، بىرى دەن (ئايال) چە، بىرى چوۋ (قىزىقچى ئەر) چە گىرىم قىلىپ ئوينىغانىدى، كېيىن ئايال ئارتىسلار مەيدانغا چىقىپ، بىر ئەر، بىر ئايال ئاددىي گىرىم قىلىپ ئوينايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئورۇنداش شەكلى: تاق، جۈپ، توپ، ئويۇن دەپ تۆت خىل بولىدۇ. «تاق» شەكىلدە يالغۇز سەھنىگە چىقىپ، بىر ئادەم ئورۇندايدۇ؛ «جۈپ» شەكىل ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە بولۇپ، بۇ ئاساسلىق ئورۇنداش شەكلى ھېسابلىنىدۇ، ئەر - ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى دەن (ئايال)، بىرى چوۋ (قىزىقچى ئەر) بولۇپ، سۆزلەپ، ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ؛ «توپ» شەكىلدە ئون نەچچە ئادەم كوللېكتىپ ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ؛ «ئويۇن» شەكىلدە ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە ئاساسىدا شەكىللەنگەن قول تۇتۇشۇپ ئويناش (戏场拉) ئويۇنى ئوينايدۇ. ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىدە «ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئۇسسۇل» دىن ئىبارەت تۆت خىل ماھارەت تەل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. «ئېيتىش» تا ناخشا تېكىستى يەتتە سۆز، ئون سۆزلۈك مىسرانى ئاساس قىلىدۇ، قوشۇمچە خەلق ناخشىلىرىنىڭكىدەك ئۇزۇن - قىسقا مىسرالارمۇ بولىدۇ، ناخشىلىرى مول، شۇڭا، كونىلار: «ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمىنىڭ توققۇز ئاھاڭ، ئون سەككىز كۈيى بار» دېگەن. تەڭكەش چالغۇلىرىدىن غېجەك، سۇناي، قومۇش تاختا قاتارلىقلار بار. سۆزلەش — دىئالوگ ۋە رىتىملىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپىنچە قاپىيىلىك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ، تىلى يۇمۇرلۇق، كۈلكىلىك بولىدۇ؛ ھەرىكەت قىلىش بولسا ئورۇنداش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكىتىگە قارىتىلغان؛ ئۇسسۇلدا شەرقىي شىمالنىڭ چوڭ ياڭگىر ئۇسسۇلىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇ خەلق ئۇسسۇلى ۋە چامباشچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەلپۈگۈچ ئوينىتىش، قولياغلىق ئوينىتىش قاتارلىق ماھارەتلەرمۇ بار. ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمىنىڭ ئەنئەنىۋى نومۇرلىرى300 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە «كۆك كۆۋرۈك»، «غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت»، «ياڭ باجيېنىڭ باھار سەيلىسى»، «باۋگۇڭنىڭ كەچۈرۈم سورىشى» قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان. كېيىن ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نومۇرلار ئىجاد قىلىنىپ ئوينالغان، بۇلاردىن، «ھەربىيلەر ئائىلىسىگە پەتە قىلىش»، «مول ھوسۇل كۆۋرۈكى» قاتارلىقلارمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو نەزم سەنئىتى
مېڭىپ ئېيتىپ ئوينايدىغان ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە | UyghurWiki | UyghurWiki