UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو نەزم سەنئىتىليەنخۇا نەغمىسى

ليەنخۇا نەغمىسى

جۇڭگو نەزم سەنئىتى ليەنخۇا نەغمىسى (落花莲)، يەنە «ليەنخۇا مۇزىكىسى»، (乐花莲) ،«كىچىك نەغمە» (子乐) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەكتى خېلىلا بۇرۇنقى زامانغا تۇتىشىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا تارقالغانىكەن، بۇنى دىۋانىلەر تىلەمچىلىك قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، مەزمۇنى بۇددا دىن ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغانىكەن، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ۋە يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرىدىكى ئەبجەش تىياتىر، رىۋايەت تىياتىرى ئارىسىغىمۇ «تۆت پەسىل ليەنخۇا تىياتىرى» قىستۇرۇلغانمىش. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە «ئەدەبىي تېكىستلىك نەزم» دەپ ئاتالغان بايان خاراكتېرلىك ليەنخۇا نەغمىسى بولغانىكەن، چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ئاندىن كەسپىي ئارتىسلىرى بولغان ليەنخۇا نەغمىسى مەيدانغا چىقىپ، ئەل ئارىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. ليەنخۇا نەغمىسى ھازىر ھەرقايسى جايلارغا تارقالدى، ھەرقايسىسى بۇرۇنلا ئۆز جايىدىكى يەرلىك تىل ۋە خەلق ناخشىلىرىغا بىرلەشتۈرگەچكە، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى، ئۇلار جياڭشى ليەنخۇا نەغمىسى، فۇجيەن ليەنخۇا نەغمىسى، ياۋئەن ليەنخۇا نەغمىسى، گۇاڭشى ئۆلكىسىدە «لىڭلىڭ نەغمىسى» (落零零) دېگەندەك نام بىلەن ئاتالدى، ئەمما ئۇلار ئىچىدە شاۋشىڭ ليەنخۇا نەغمىسى (落花莲兴绍) ئەڭ داڭلىق. شاۋشىڭ ليەنخۇا نەغمىسى شاۋشىڭ، نىڭبو، خاڭجۇ رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەيدا بولغان، ئورۇندىغۇچى قەلەندەر سۈرىتىدە ياسىنىپ، كوچا ئارىلاپ بۇددا تەلىماتى ۋە كىشىنى ساۋابلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان. ئادەتتە، ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان، بىرى ئېيتقان، يەنە بىرى ھەمدەم بولغان. نومۇر ئورۇندىغاندا، قولىدىكى مىس يارماق ئورنىتىلغان قىسقا قومۇش تاياقچىنى مەيدىسى، قورسىقى، بىلىكى ۋە پۇتىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ ئېيتقان. كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يېڭى خەۋەر ئېيتىشقا ئۆزگىرىپ، سۆزلەش، ئېيتىش، ئورۇنداشنى تەڭ قوللانغان، ئۈچ تاختا بىلەن ئۇدار ئۇرۇشقا، سىخۇ (غېجەكنىڭ بىر تۈرى) بىلەن تەڭكەش قىلىشقا ئۆزگەرتكەن. يەلپۈگۈچتىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ھەييارلىق ئىپادىلەرنى چىقارغان. ئۇنىڭ ناخشىلىرى راۋان، يېقىملىق، بايان قىلىشقا، ھېسسىيات ئىپادىلەشكە قۇلايلىق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، جانلىق، قىزىقارلىق بولغاچقا، دېھقانلارغا بەكمۇ ياققان، دېھقانلار ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشىغاندا كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل پائالىيەتكە ئايلانغان. ئەنئەنىۋى نومۇرلىرىدىن دائىم ئوينىلىدىغانلىرى «مەرۋايىت مۇنار، خېۋېنشيۇ، جىشەن تېغىدىكى غوۋغا، ئەجدىھا ھەققىدە قىسسە» قاتارلىقلاردۇر.● «يەتتىنچى سەنئەت» − كىنو كىشىلەر كىنونى ئەدەبىيات، تىياتىر، رەسىم، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ھەيكەلتىراشلىقتىن كېيىنكى «يەتتىنچى سەنئەت» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئۇنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىنو1895 - يىلى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدا يېقىنقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان. كىنو − «كۆرۈش سېزىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ساقلىنىشى» دىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئىلمىي قائىدىگە ئاساسەن پەيدا بولغان. زامانىۋى ئىلىم - پەن شەيئىلەر كۆز ئالدىدىن يوقالغاندىن كېيىنمۇ يەنە كۆرۈش تور پەردىسىدە1 .0 ~4 .0 سېكۇنت ئەتراپىدا ساقلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ھازىرقى زاماندىكى كىنو سېكۇنتىغا24 رامكىلىق ئۆلچەم بويىچە سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ۋە قويۇلىدۇ. ھەربىر رامكا تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا32 /1 سېكۇنتلا توختاپ ئۆتىدۇ. شۇ ۋەجدىن، كىنو لېنتىسىدىكى جىمجىت كۆرۈنۈش ئېكرانغا قويۇلۇش ئارقىلىق ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشكە ئايلىنىدۇ. كىنو سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سۈرەت تارتىش تېخنىكىسىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئەمما، ئۇ سۈرەت تارتىش تېخنىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، كىنو لېنتىسىنى كېسىپ ئۇلىغىلى، ئۈزۈلدۈرمەي قويغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە سۈرەت قوزغىيالمايدىغان رېئال خىيالىي تۇيغۇنى پەيدا قىلالايدۇ. سۈرەت ئۆتۈپ كەتكەن بىر دەقىقىدىكى ھالەتنىلا خاتىرىلەيدۇ، كىنونىڭ ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشى ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلى بولسا تاماشىبىنلارغا ئېكراندىكى ۋەقەلەر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقاندەك ياكى قايتىدىن نامايان بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىنو پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ھەمدە ئەدەبىيات، تىياتىر، رەسىم، مۇزىكا، ئۇسسۇل، بىناكارلىق قاتارلىقلارنىڭ سەنئەت تەركىبى ۋە ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس خاراكتېر ۋە بەدىئىي ئۈنۈمگە ئىگە مۇستەقىل سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو نەزم سەنئىتى
ليەنخۇا نەغمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki