UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو نەزم سەنئىتىسۇجۇ ئەلنەغمىسى

سۇجۇ ئەلنەغمىسى

جۇڭگو نەزم سەنئىتى سۇجۇ ئەلنەغمىسى (词弹州苏) مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۇجۇدا پەيدا بولۇپ، سۇجۇنىڭ يەرلىك تىلى بىلەن ئېيتىلىدۇ، ئۇ جياڭسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شاڭخەي ۋە جېجياڭنىڭ خاڭجياخۇ كۆلى رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ زامانىدا راسا ئەۋج ئېلىپ، داڭلىقلار كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىققان، يۆ شياڭشەن بەرپا قىلغان «يۆ دياۋ نەغمىسى» ۋە مارۇ فېي بەرپا قىلغان «ما دياۋ نەغمىسى» ئاھاڭلىرى مەيدانغا كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۇجۇ ئەلنەغمىسى شاڭخەيگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ زور راۋاجلىنىپ، ئەلنەغمە سەنئىتى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن. سۇجۇ ئەلنەغمىسى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، قېرىنداش ئەلنەغمە خىللىرىنىڭ بەدىئىي ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئاساس يارىتىپ، «سۆزلەش، كۈلدۈرۈش، چېلىش، ئېيتىش» تىن ئىبارەت تۆت خىل بەدىئىي ۋاسىتىنى شەكىللەندۈرگەن. «سۆزلەش» — سۆز بىلەن ئىپادىلەش دېگەنلىك، بۇ ھېكايە سۆزلەش، پېرسوناژنىڭ سۆزى ۋە ئارتىسنىڭ باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ «كۈلدۈرۈش» — قىزىقچىلىق بولۇپ، ئارتىس سۆزلەش، ئېيتىش ئارىسىغا قىزىق گەپلەرنى قىستۇرۇپ تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ كومېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ؛ «چېلىش» − سەنشيەن (سېھتار)، پىپا (چارتار) نى ئاساسىي چالغۇ قىلىپ، ئۆزى چېلىپ ئۆزى ئېيتىدۇ، يەنە بىر - بىرىگە تەڭكەش قىلىپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ؛ «ئېيتىش» − ئادەتتە يەتتە خەتلىك مىسرا شەكلىدە، تۈز ۋەزىندە، سۇجۇ تاۋۇشى بويىچە قاپىيىگە سېلىش بولۇپ، ئېنىق، راۋان، چۈشىنىشلىك بولۇش، ئاۋاز بىلەن ھېسسىياتنى تەڭ جارى قىلدۇرۇپ، جەلپدارلىقى كۈچلۈك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، سۇجۇ ئەلنەغمىسىدىمۇ ھەر خىل ئاھاڭ ئېقىملار شەكىللەنگەن. ھازىر كەڭ تارقالغانلىرى: شېن (جيەنئەن) ئاھاڭى، شۆ (شياۋچىڭ) ئاھاڭى، شۈي (يۈنجې) ئاھاڭى، جياڭ (يۆچۈەن) ئاھاڭى، چى (ليەنفاڭ) ئاھاڭى، جاڭ (جيەنتىڭ) ئاھاڭى، ياڭ (جېنشيۇڭ) ئاھاڭى، جۇ (شۆچىن) ئاھاڭى، شۇ (لىشيەن) ئاھاڭى، خۇ (لىجۈن) ئاھاڭى، يۇ (خۇيچيۇ) ئاھاڭى قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، سۇجۇ ئەلنەغمىسى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نەزم سەنئىتىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆزىدە «ئۇيغۇن، مەنىلىك، قىزىقارلىق، ئىنچىكە، غەلىتە» بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان. ئۇيغۇن − ۋەقەلىكى تۇرمۇشقا ئۇيغۇن، چىن ھەم تەسىرلىك دېگەنلىك؛ مەنىلىك − ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي، يوشۇرۇن مەنىگە ئىگە، لەززىتى چەكسىز دېگەنلىك؛ قىزىقارلىق − يۇمۇرلۇق، ئاجايىپ مەزمۇنلۇق دېگەنلىك؛ ئىنچىكە − تەسۋىرلىشى ئىنچىكە، ئوبرازى جانلىق؛ غەلىتە − قۇرۇلمىسى غەلىتە، كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. سۇجۇ ئەلنەغمىسى گۈزەل ھەم ئاممىباب بولغاچقا، جياڭنەندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. سۇجۇ ئەلنەغمىسىنىڭ ئورۇنداش شەكلى بىر كىشىلىك (档单)، ئىككى كىشىلىك (档双) ۋە ئۈچ كىشىلىك (档三) دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. ئادەتتە ئۇزۇن ھېكايە، داستانلارنى ئاساس قىلىدۇ، بىر ئەسەرنى2 ~3 ئاي سۆزلەيدۇ، بەزىدە قىسقىراق ئەسەرلەرنىمۇ سۆزلەيدۇ، بۇ بىر ئاخشامدىلا تۈگەيدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇزۇن ئەسەرلەر نومۇرلىرىدىن: «ئۈچ كۈلۈش،مياۋجىنفىڭ، ئاق يىلان رىۋايىتى، يېشىل يىڭناغۇچ، مەرۋايىت مۇنار» قاتارلىق50 پارچىدىن ئاشىدۇ. ھازىرقى زامان نومۇرلىرىدىن ئاساسلىقى «ياشلىق ناخشىسى، كۇسەي خۇا، قىزىل ئۇرۇق، لى شۇاڭشۇاڭ، يېڭى پىپا سەپىرى» قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو نەزم سەنئىتى