دۇمباق ئەلنەغمىسى
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
تېلېۋىزىيە فىلىمى «بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد» (堂同世四) نىڭ تېما ناخشىسى، ئوركېستىر تەڭكەش قىلغان بېيجىڭ دۇمباق ئەلنەغمىسى (鼓大韵京) دۇر، ئۇنىڭ ئاھاڭى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى بېيجىڭ دۇمباق ئەلنەغمىسىگە ئەزەلدىن ئوركېستىر تەڭكەش قىلىپ باقمىغان، ئۇ پەقەت ئەلنەغمە ئىچىدىكى «دۇمباق نەغمىسى» نىڭ بىر خىلى ئىدى. ھەر خىل دۇمباق نەغمىسىنىڭ ئېيتىلىشى ئومۇمەن ئورۇندىغۇچى ئوڭ قولىغا بىر تال چوكا ئېلىپ دۇمباقنى ئۇرۇپ، سول قولىدا تاختا بىلەن ئۇدار ئۇرۇپ، چالغاچ ئېيتىدۇ، يەنە2 ~3 ئادەم سەنشيەن (سېھتار، چەكمە چالغۇلارنىڭ بىر خىلى)، سىخۇ (غېجەكنىڭ بىر خىلى) قاتارلىق چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىدۇ.
دۇمباق ئەلنەغمىسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شەندۇڭ، خېبېي ئۆلكىلىرىنىڭ يېزىلىرىدا بەرپا بولۇپ، شىمالىي رايونلارغا كەڭ تارقالغان، كېيىن چاڭجياڭ، جۇجياڭ دەريا ۋادىلىرىدىكى بىر قىسىم رايونلارغا تارقالغان. ئۇنىڭ مېيخۇا دۇمبىقى نەغمىسى، جىڭيۈن دۇمبىقى نەغمىسى، جىڭدۇڭ دۇمبىقى نەغمىسى، شىخې دۇمبىقى نەغمىسى، يۆتىڭ دۇمبىقى نەغمىسى، دۇڭبېي دۇمبىقى نەغمىسى، ئەنخۇي دۇمبىقى نەغمىسى، شەندۇڭ دۇمبىقى نەغمىسى، جياۋدۇڭ دۇمبىقى نەغمىسى قاتارلىق20 نەچچە خىللىرى بار. تارقالغان رايونلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تەڭكەش چالغۇلىرى ۋە ئاھاڭلىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. دۇمباق ئەلنەغمىسىنىڭ ئورۇندىشى بايان قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، تېكىستى يەتتە خەت، ئون خەتلىك مىسرادىن تۈزۈلىدۇ، ئاھاڭى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. دۇمباق ئەلنەغمىسىنىڭ نومۇرلىرى كۆپىنچە قىسقا ئەسەرلەر بولىدۇ، ئارىلاپ ئوتتۇرا، ئۇزۇن ئەسەرلەرمۇ ئېيتىلىدۇ، تارىخىي جەڭ ھېكايىلىرى ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرى جانلىق، تېتىك، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەنگەچ، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ھەر خىل دۇمباق ئەلنەغمىلىرىنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ جىڭيۈن دۇمباق ئەلنەغمىسىنىڭ داڭقى بار. ئۇ مۇبەن دۇمباق نەغمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتىن بارلىققا كەلگەن. بېيجىڭ، تيەنجىندە پەيدا بولۇپ، شىمالىي رايونلارغا تارقالغان. پېشقەدەم سەنئەتچىلەر بېيجىڭ تىياتىرىنىڭ تاۋۇش ۋە تەلەپپۇزىنى سىڭدۈرۈپ، ساپ بېيجىڭ ئاھاڭىدا ئېيتىپ، قويۇق بېيجىڭ پۇرىقىغا ئىگە قىلغانلىقتىن، «بېيجىڭ جىڭيۈن دۇمباق ئەلنەغمىسى» دەپ ئاتالغان، يەنە ئۇ «بېيجىڭ تەلەپپۇزىدىكى دۇمباق نەغمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاھاڭلىرى مول ۋە ھەر خىل، ئاساسلىق ئاھاڭلىرىدىن ۋەقە بايان قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان پىڭچياڭ (腔平 تۈز ئاھاڭ)، ھاياجان كەيپىياتقا ماس كېلىدىغان گاۋچياڭ (腔高 يۇقىرى ئاھاڭ)، سالماق، ئەركىن كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان لوچياڭ (腔落 تۆۋەن ئاھاڭ)، ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان شۇەيچياڭ (腔甩 قاڭقىما ئاھاڭ) ۋە كۆپ ئۆزگىرىدىغان چىفۇچياڭ (腔伏起 دولقۇنسىمان ئاھاڭ) قاتارلىقلار بار. بېيجىڭ دۇمباق ئەلنەغمىسى يەنە يېرىم ئېيتىش، يېرىم سۆزلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئېيتىۋېتىپ سۆزلەيدۇ، سۆزلەۋېتىپ ئېيتىدۇ، شۇڭا، قاپىيىلىك مونولوگ تەلەپپۇزى پۈتۈن نومۇردا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئەسەرگە باشقىچە تەم كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدا قىسقا ئەسەرلەرنى ئېيتىش ئاساس قىلىنىپ، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە لايىقلاشتۇرۇلغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا يازغۇچى لاۋ شې ئىجاد قىلغان ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزمۇنىدىكى تېكىستلەر ئېيتىلىپ، زور تەسىر قوزغىغان.