مەدداھلىق
جۇڭگو نەزم سەنئىتى
مەدداھلىق سورۇنىغا كىرسەك، «ئۈچ دۆلەت» نى سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلايمىز، ھېكايىدە مىڭلىغان قوشۇن، ئەمما سۆزلىگىنى بىر ئادەم. بۇنىڭدا ئارتىس سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتمايدۇ، قولىغا بىر يەلپۈگۈچنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنى قوماندانغا تەقلىد قىلىدۇ ياكى قولىدىكى تاختاينى شىرەگە ئۇرۇپ قويۇپ ۋەقەلىكنىڭ كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ. گاھ ئاتلار كىشنەۋاتقان قەدىمكى جەڭ مەيدانى، گاھ قەدەھلەر سوقۇشتۇرۇلۇۋاتقان شاراب زىياپىتىنى ئوبرازلىق، جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. مانا بۇ مەدداھلىق (话评) سەنئىتىدۇر.
مەدداھلىق ئادەتتە پىڭشۇ (رىۋايەتلىك قىسسە) ۋە پىڭخۇا (ھېكايىلىك قىسسە) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئۇلار يەنە داشۇ (书大) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىڭشۇ (书评) رىۋايەتلىك قىسسە يەنە پىڭسى (词评) رىۋايەتلىك نەزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بېيجىڭدا پەيدا بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان، ئورتاق تىلدا سۆزلىنىدۇ. پىڭخۇا (话评) ھېكايىلىك قىسسە يەنە سۇجۇ ئەلنەغمىسى، ياڭجۇ ئەلنەغمىسى، فۇجۇ ئەلنەغمىسى، خۇبېي ئەلنەغمىسى، سىچۇەن ئەلنەغمىسى قاتارلىق كۆپ خىللارغا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدا يەرلىك تىل ئىشلىتىلگەچكە، يەرلىك تىل رايونلىرىغا تارقالغان. پىڭشۇ (رىۋايەتلىك قىسسە) بىلەن ھەر خىل پىڭخۇا (ھېكايىلىك قىسسىلەر) نىڭ ھەربىرى ئۆزگىچە بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت بار: بىرى دېكوراتسىيە يوق، ئىككىنچىسى تەڭكەش يوق، پۈتۈنلەي ئارتىسنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە تايىنىدۇ، ئولتۇرۇپ سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتمايدۇ، بىر يەلپۈگۈچ ياكى بىر تاختاينى جابدۇق قىلىدۇ، ئورۇنداشتا تامامەن سۆز، ئىپادە، قىزىقچىلىق، تەقلىدىي ئاۋازلارنى چىقىرىش، قول ۋە كۆز ئىپادىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ھېكايە بايان قىلىپ، ئوبراز يارىتىدۇ، ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ روھنى ئىپادىلەش، ئوبرازلىق تەسۋىرلەش، ئاۋاز بىلەن ھېسسىيات تەڭ جارى بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
مەدداھلىقنىڭ ئەنئەنىۋى نومۇرلىرى تارىخىي ھېكايىلەر، چەۋەندازلار ھېكايىلىرى ۋە جىن - شەيتانلار ھېكايىسىنى ئاساس قىلغان، ئالايلۇق «ئۈچ پادىشاھلىق،سۇ بويىدا، سۈي - تاڭ قىسسىسى، غەربىي خەن قىسسىسى، يۆفېي ھەققىدە قىسسە، قەھرىمانلار ھەققىدە قىسسە، ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى» قاتارلىقلارغا ئوخشاش، يەنە «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا» دەك زامانىۋى نومۇرلارمۇ بار.