گۇاڭلىڭ كۈيى
جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى
«گۇاڭلىڭ كۈيى» شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا گۇاڭلىڭ رايونىدا (ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۇشيەن ناھىيىسىدە) تارقالغان خەلق مۇزىكىسى. ئۇ ئەسلىدە چىن (جۇڭگو چەكمە چالغۇسى − ت)، جېڭ (جۇڭگو چەكمە چالغۇسى − ت)، شېڭ (جۇڭگو پۈۋلىمە چالغۇسى − ت)، جۇ (جۇڭگو قەدىمىي سوقما چالغۇسى − ت) قاتارلىق چالغۇلار بىلەن ئورۇندىلاتتى، ھازىر گۇچىن بىلەنلا ئورۇندىلىپ كەلمەكتە.
خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردىن بايان قىلىنىشىچە، «گۇاڭلىڭ كۈيى» دە «نېي جېڭنىڭ خەنۋاڭنى (خەن بەگلىكىنىڭ بېگىنى − ت) ئۆلتۈرگەنلىكى» تەسۋىرلەنگەن. نېي جىڭنىڭ ئاتىسى خەنۋاڭغا شەمشەر سوقۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، ۋاقتىدا پۈتكۈزەلمەي خەنۋاڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. نېي جىڭ ئاتىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ساز چېلىش ھەمدە قىلىچۋازلىقنى ئۆگىنىدۇ. مەشىقتە كامالەتكە يەتكەندىن كېيىن، يۈز - كۆزىنى كۆمۈردە بوياپ، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ خەن بەگلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ. نېي جىڭنىڭ ساز چېلىش ماھارىتى خەنۋاڭنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. خەنۋاڭ ئۇنى ساز چالدۇرۇش ئۈچۈن ئوردىغا چاقىرىدۇ. نېي جىڭ خەنۋاڭ بېرىلىپ ساز ئاڭلاۋاتقاندا قوينىدىن خەنجىرىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئانىسىنىمۇ بالاغا تىقماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چىرايىنى خەنجەر بىلەن بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلىدۇ.
مۇزىكىنىڭ بېشى بايان خاراكتېرىنى ئالغان. بۇ بۆلەك مۇزىكا نېي جىڭغا ھېسداشلىق قىلغان تەرزدە، خورسىنىش ئىچىدە ئورۇندىلىدۇ. ئاندىن نېي جىڭنىڭ غەزەپلىنىشتىن تارتىپ ئىنتىقام ئېلىشقا بەل باغلىغۇچە بولغان پۈتكۈل جەريانى ئىپادىلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئۇنىڭ قەھرىمانە ئىش ئىزلىرىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ. پۈتكۈل مۇزىكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنچىكە، قاتلىمى ئېنىق، قۇرۇلمىسى كەڭ، كەيپىياتى ھەيۋەتلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈكسەك ئىدىيىۋى قىممەت ۋە بەدىئىي تەسىرگە ئىگە.