UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرىقوش بۇلاقتىكى ئاي شولىسى

قوش بۇلاقتىكى ئاي شولىسى

جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى «قوش بۇلاقتىكى ئاي شولىسى» ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر خەلق كومپوزىتورى ئابىڭ (خۇايەنجۈن،1893 −1950 ) نىڭ ئەسىرى، مۇزىكا تەخمىنەن20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرى ئىشلەنگەن. ئابىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى دېگەن يېرىدىن، ئاتىسى ۋۇشىنىڭ لېيزۇنديەن دېگەن يېرىدە تويىن دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ راھىپكالانى بولغان. ئابىڭ تۆت ياش چېغىدا ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، تۇغقانلىرىنىڭ تەربىيىلىشىگە تاپشۇرۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپ سوغۇق مۇئامىلە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئابىڭدا قەيسەر ۋە ئىسيانكار خاراكتېر يېتىلگەن. ئابىڭ بالىلىق چېغىدىن تارتىپ ئاتىسىدىن مۇزىكا ئۆگەنگەچكە،13 ياشقا كىرگەندە پىپا، ئېرخۇ، نەي قاتارلىق كۆپ خىل چالغۇلارنى ئۆگىنىۋالغان. ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئابىڭنىڭ ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ، ساز چېلىپ جان باقىدىغان خەلق سەنئەتكارىغا ئايلانغان. كىشىلەر ئۇنى »ئەما ئابىڭ« دەپ ئاتاشقان. «قوش بۇلاقتىكى ئاي شولىسى» ئابىڭنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى، مۇزىكا سەككىز بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئۇلارغا مۇقەددىمە ۋە خاتىمىمۇ قوشۇلغان. قىسقىغىنا مۇقەددىمە ئېغىر ۋە ئازابلىق ئىڭراشنى ئەسلىتىدۇ. مۇزىكا تېمىسى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئىككى مۇزىكىلىق جۈملىدىن تەشكىللەنگەن. ئالدىنقىسى بايان خاراكتېردا ئورۇندىلىپ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، كېيىنكىسى دولقۇن شەكلىدە ئۆزگىرىدۇ - دە، ئاڭلىغۇچىلارغا ئېيتقىلى بولمايدىغان دەرد - ئەلەم ھەمدە ئۇزاققا سوزۇلغان پەرىشانلىق تەسىراتىنى بېغىشلايدۇ. ئاخىرىدا مۇزىكا تېمىسى بىرنەچچە قېتىم ۋاراتىئون شەكلىدە ئۆزگىرىپ، ئابىڭنىڭ چوڭقۇر خىيالدىن ھەسرەتلىنىشكە، ھەسرەتلىنىشتىن نەپرەتلىنىشكە، نەپرەتلىنىشتىن غەزەپلىنىشكە، غەزەپلىنىشتىن قاتتىق داۋالغۇشقا يۈزلىنىشتەك خىلمۇخىل مۇرەككەپ ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭ قارا كۈچلەر ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان ئىچكى دۇنياسىنى سۈرەتلەپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ. دۇنياۋى مەشھۇر دىرىژور ئوزاۋاسېيجى «قوش بۇلاقتىكى ئاي شولىسى» نى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «يۈرەك باغرى پارا - پارا بولماق، دېگەن سۆز بۇ مۇزىكىغا تازا باب كېلىدىكەن» دەپ ئاپىرىن ئوقۇغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى