UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرىتۇشمۇتۇشتا پىستىرما قىلىش

تۇشمۇتۇشتا پىستىرما قىلىش

جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى «تۇشمۇتۇشتا پىستىرما قىلىش» مەشھۇر پىپا مۇزىكىسى. ئۇ تەخمىنەن16 - ئەسىردىن بۇرۇن خەلق ئىچىگە تارقالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇزىكىدا چۇ بەگلىكى بىلەن خەن سۇلالىسى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە ليۇباڭ، شياڭيۈيلەرنىڭ گەيشيادا قىلغان ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ليۇ باڭنىڭ «غالىب سەركەردە» بولۇشتەك ھەيۋەتلىك ئوبرازى يارىتىلغان. مۇزىكا باشلىنىشى بىلەنلا، پىپا يۇقىرى ئاۋاز رايونىدا كۈچلۈك ۋە ھەيۋەتلىك ئاۋاز چىقىرىپ «دۇمباق ساداسى» نى ئورۇندايدۇ، ئارقىدىنلا بۇرغا - كاناي ۋە ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازىغا تەقلىد قىلغان ھالدا جەڭگاھنىڭ جىددىي قىياپىتى ۋە شىددەتلىك كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا مۇزىكا سۇناي ئاۋازىنى دوراپ چېلىنىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تىياتىرلاردىكى باھادىر سانغۇننىڭ سەھنىگە چىققىنىدەك كۆرۈنۈش نامايان بولىدۇ. مۇزىكا خۇددى لەشكەرلەر سەپكە تىزىلىپ يۈرۈش قىلىۋاتقاندەك رەتلىك رىتىم بىلەن چېلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي رىتىم تېزلىشىپ خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى تارقىلىپ پىستىرما قۇرۇۋاتقان جىددىي ۋە ئالدىراش كەيپىياتنى ئەسلىتىدۇ. جەڭدە قىلىچ - نەيزىلەر بىر - بىرىگە تېگىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ، ئارقىدىنلا كەڭ كۆلەملىك جەڭنى ئەسلىتىدىغان كۈچلۈك سادا ياڭرايدۇ. مۇزىكا ئارىلىقىدا شياۋ (نەينىڭ بىر تۈرى) نىڭ ئاۋازىنى دوراپ ئىنچىكە ئاۋازدا چېلىنغان بىر بۆلەك مۇزىكا نامايان بولىدۇ. بۇ جاڭ لياڭنىڭ شياۋنى چېلىپ شياڭيۈي لەشكەرلىرىنىڭ غەيرىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئارقىدىنلا، پىپا ئىككى تارلىق ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكى بولمىغان تەكرار ئاۋازلارنى چېلىپ، ئۇر - چاپ، قىر سادالىرى تەڭ ياڭرىغان كەيپىياتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مۇزىكا يەنىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى كۆركەم ۋە پارلاق، ئۇسلۇبى پەۋقۇلئاددە سەلتەنەتلىك. شۇڭا، بۇ بەئەينى جۇلالىنىپ تۇرغان مەرۋايىتنى ئەسلىتىپ، ئېلىمىز مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، مىللىي تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى ھەمدە غەرب تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسىغىمۇ ئۆزگەرتىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل سەھنىلىرىدە يېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى