تاڭدىكى قۇش ناۋاسى
جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى
«تاڭدىكى قۇش ناۋاسى» يالغۇز سۇناي بىلەن ئورۇندىلىدۇ. ئۇ يەنە «قۇشلار ناۋاسى»، «قۇشلار نەزمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇزىكا شەندۇڭ، ئەنخۇي، خېنەن، خېبېي ئەتراپلىرىغا تارقالغان. مۇزىكىدا قىزغىن، شاد - خۇرام مېلودىيە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى بىلەن بىرلىشىپ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تەبىئەت مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.
«تاڭدىكى قۇش ناۋاسى» نى سورۇننىڭ ئاممىۋىلىقى ۋە تۇراقسىزلىقىغا ئاساسەن ئۇزۇن ئورۇنداشقىمۇ، قىسقا ئورۇنداشقىمۇ بولىدۇ. مۇزىكانت بۇنى ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە سورۇن ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، مۇزىكىغا ئېنىق بىر رامكا بېكىتىلمىگەن. مۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى دەۋر قىلىش پرىنسىپىغا ئىگە كۆپ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. ھەربىر مېلودىيە گۈزەل، راۋان ھەمدە جانلىق، تېتىك كەيپىياتقا ئىگە. ئوتتۇرا قىسمىغا تۈرلۈك قۇشلارنىڭ سايراشلىرى قىستۇرۇلغان، ھەتتا خورازنىڭ تاڭدىكى چىللاشلىرى، مېكىياننىڭ تۇخۇم تۇغقاندىكى قاقاقلاشلىرى، چېكەتكىنىڭ سايرىشى ھەمدە بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىمۇ ئىپادىلەنگەن. قىسقىسى، مۇزىكا بەكمۇ قىزىقارلىق، تۇرمۇش پۇرىقىمۇ قويۇق.
بۇ ئەسەر مۇزىكا خادىملىرىنىڭ كۆپ قېتىم رەتلىشى ۋە ئۆزگەرتىشى ئارقىلىق1953 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە مۇكاپاتلانغان،2 - قېتىملىق دۇنيا ياشلار فېستىۋالىدىكى مىللىي مۇزىكا مۇسابىقىسىدىمۇ2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.