يامغۇردىكى بانان
جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى
«گۇاڭدۇڭ مۇزىكىلىرى» ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكا تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ مۇزىكىلار كىچىك كۈيلۈك گۇاڭدۇڭ خەلق مۇزىكىلىرى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى گۈزەل، راۋان، رىتىمى ئېنىق ۋە رەتلىك، ئاۋاز تۈسى جاراڭلىق ۋە يارقىن بولۇپ، روشەن يەرلىك تۈسكە ئىگە.
«يامغۇردىكى بانان» گۇاڭدۇڭ مۇزىكىلىرى ئىچىدە نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. مۇزىكىنىڭ بېشىدىكى گۈزەل ۋە ئېنىق مېلودىيە كىشىلەرنىڭ چەكسىز خۇشال ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى قىسقا توختىلىش ۋە زىننەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللار مېلودىيىنى دولقۇنسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سۈرئەت ۋە كۈچ مىقدارىدا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بانان يوپۇرمىقىغا تامچىلاۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېسسياتقا چۆمىدۇ. ئاخىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك مۇزىكا كىشىلەرنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن خۇشال تۇيغۇسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.20
- ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مىللىي مۇزىكا - ئۇسسۇل كۆرىكىدە گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى «يامغۇردىكى بانان» نى ئورۇندىغان. ئۇلار ئوركېستىرغا نەي ۋە قوڭغۇراق قوشقانلىقتىن مۇزىكا تېخىمۇ قىزغىن ۋە جانلىق چىققان. كېيىنچە، نۇرغۇن قېتىملىق ئۆزگەرتىش جەريانىدا مۇزىكىغا كۆپ يول سەپلىنىپ، بەزى يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان. نەتىجىدە، مۇزىكىغا تېخىمۇ رەڭدار ۋە جەلپ قىلارلىق تۈس قوشۇلغان.