ئۈچ خىل كۈيلەنگەن مېيخۇا گۈلى
جۇڭگو مىللىي مۇزىكىلىرى
«ئۈچ خىل كۈيلەنگەن مېيخۇا گۈلى» نىڭ يەنە بىر نامى «سەنليۇ». ئۇ ئەسلىدە نەي مۇزىكىسى بولۇپ، كېيىنچە گۇچىن بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىغا ئۆزگەرتىلگەن. مېيخۇا گۈلىنىڭ پاك - غۇبارسىز خىسلىتى بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەمىشە ئالىيجاناب خاراكتېرلىك كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنىدۇ. مۇزىكىنىڭ ئاپتورى شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان خۇەن يى دېگەن كىشى ئىكەنلىكى رىۋايەتلەردىن مەلۇم. مۇزىكىدا ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ئىدىيىۋى ھېسسىياتى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مۇزىكا10 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. ئالدى بىلەن تۆۋەن ئاۋاز رايونىدا تەنتەنىلىك، سالماق مۇزىكا ئورۇندىلىدۇ. ئۇ ئاڭلىغۇچىلارغا سەھەردىكى شەبنەم بىلەن يۇيۇلغان مېيخۇا گۈلى خۇش پۇراق چېچىۋاتقان جىمجىت ۋە تەمكىن كەيپىياتنى ئەسلىتىدۇ.2 - بۆلەكتە مېيخۇا گۈلىنىڭ ئوبرازى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى تەسۋىرلىنىدۇ.7 -،8 - بۆلەكلەردە مۇزىكا يۇقىرى ئاۋاز رايونىغا يۆتكىلىدۇ. مۇزىكا كۈچلۈك رىتىم بىلەن ياڭراق ۋە راۋان چېلىنىپ، مېيخۇا گۈلىنىڭ قار - شىۋىرغاندا تەۋرەنمەي قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ.9 - بۆلەكتە مۇزىكا تېمىسى تۆۋەن، ئوتتۇرا ئاۋاز رايونلىرىدا قايتا كۆرۈنىدۇ، مۇزىكا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە سالماق ئورۇندىلىپ، ئەسەرگە بىر خىل قۇدرەتلىك كەيپىيات بېغىشلايدۇ. ئاخىرىدىكى10 - بۆلەكتە سۈرئەت ئاستىلايدۇ، مېلودىيە ئاھ ئۇرغاندەك سادا چىقىرىپ مېيخۇا گۈلىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
نەپىس ۋە جازبىدار تۈسكە ئىگە مۇزىكا − «ئۈچ خىل كۈيلەنگەن مېيخۇا گۈلى» ئۆزىنىڭ روشەن مۇزىكىلىق ئوبرازى، خاس بەدىئىي جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئادەتتە گۇچىن بىلەن ئورۇندالغاندىن تاشقىرى، پىپا، پىئانىنو ھەمدە مىللىي چالغۇلار مۇزىكىسىغىمۇ ئۆزگەرتىلىپ كەڭ تارقالغان.