UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىۋازۇ مىللىتى

ۋازۇ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار ۋازۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاتىشى بولۇپ «تاغدا ماكان تۇتقانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى «يەرلىك كىشىلەر» دەپ ئاتايدۇ. ۋازۇلار ئاساسلىقى لەنساڭجياڭ دەرياسى ۋە نۇجياڭ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ئاۋاشەن تاغلىق رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. تارىختا ۋازۇلار ئۇزاق مەزگىل ئىپتىدائىي كوممۇنا دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، تاغ چوققىلىرىنى ماكان قىلىپ، تىلغاپ ۋە ئۆرتەپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈرلۈك زىرائەتلەرنى تېرىغان. گەرچە كەنت - قورۇقلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن كۆچۈپلا يۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ناھىيە قۇرۇلۇپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ۋازۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكىدە پەرق بار. شىمىڭ رايونىدىكى ئەرلەر ياقىسىز كۆڭلەك، قىسقا ھەم چوڭ شىم كىيىدۇ، قارا ياكى قىزىل رەخت بىلەن بېشىنى ئورايدۇ. ئاياللار ياقىسىز قارا كوپتا ۋە قاتلىق يوپكا كىيىدۇ، بېشىغا كۈمۈش تاج كىيىپ، كۈمۈش مارجان ياكى مارجان قاتارلىق بېزەكلەرنى تاقىۋالىدۇ. ۋازۇلارنىڭ كەنت - قورۇلىرى تولاراق تاغ قاپتىلىغا ياكى كىچىك تۆپىلىكلەرگە سېلىنىدۇ، جايلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنىڭ شەكىللىرىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شىمىڭ رايونىدىكىلەر ياغاچ ۋە ئوت - چۆپ بىلەن جۈمكەلگەن ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۈستىدە ئادەم، ئاستىدا چارۋا تۇرىدۇ. بايلار چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، تورۇستىكى ياغاچلارغا نەقىش ئويۇلىدۇ، ئۆي تېمىغا كالا مۈڭگۈزى ئېسىلىپ، بايلىقىنى كۆز - كۆز قىلىشنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. ۋازۇلار بامبۇك نودا تاماق ئېتىدۇ، تاماقنى ساھىبخان ئايال تەڭ بۆلۈپ بېرىدۇ. ۋازۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار،1957 - يىلى ئۇلارغا يېزىق تۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر كېڭەيتىلمەكتە. ئىلگىرى ۋازۇلار ياغاچقا بەلگە سېلىش ۋە نەرسە - كېرەكلەر ئارقىلىق ئىش خاتىرىلەيتتى. ھەر خىل نەرسىلەر ئالاھىدە مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، شېكەر قومۇش، بانان ياخشىلىقنىڭ، مۇچ ئاچچىقلىنىشنىڭ، توخۇ پېيى جىددىيچىلىكنىڭ، ئوق - دورا قوراللىق توقۇنۇشنىڭ بەلگىسى ئىدى. ناۋاشەن تاغلىق رايونىدىكى ۋازۇلاردا ئىپتىدائىي تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان بولۇپ، ساكرامېنتالىزمغا ئىشىنىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ياراتقۇچىسى «مۇيىجى» غا چوقۇنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
ۋازۇ مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki