UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىگېلاۋ مىللىتى

گېلاۋ مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار گېلاۋلارنىڭ تاغلىق كەنتىدە،20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئانىنىڭ ئورنىدا ئاتىسى قىرقىنى ئۆتكۈزىدىغان ئادەت ساقلىنىپ كەلگەن. ئانا بولغىنىغا ئەمدىلا نەچچە كۈن بولغان ئانا ئېتىزغا بېرىپ ئىش قىلىدىكەن، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئاتىسى كارىۋاتتا يېتىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى باقىدىكەن ھەمدە ئالاھىدە غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈشتىن بەھرىمەن قىلىدىكەن، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئاتا بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئاتىلىق ھوقۇقنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. گېلاۋ مىللىتى قەدىمكى دەۋردە ھازىرقى گۇيجۇ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق لياۋلارنىڭ پۇشتى. لياۋلار خەن دەۋرىدىكى يېلاڭ بەگلىكىدىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «گېلاۋ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، گېلاۋلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھازىر گۇيجۇ ئۆلكىسىدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى گۇاڭشى ۋە يۈننەنگە تارقالغان. گېلاۋلار ئۇزاق مەزگىل خەنزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، تۇرمۇش ئادىتى ئۇلارنىڭكىگە بىرقەدەر ئوخشاپ كېتىدۇ. گېلاۋ ئاياللىرى ئەسلىدە كىيىدىغان چاپان، يوپكا، ئۇچلۇق ئاياغ، بۇنىڭدىن80 —90 - يىل بۇرۇنلا كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغان. گېلاۋلار كۆممىقوناق، گۈرۈچنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ، ئاق ئۇن، تېرىق، قوناق قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى، قاتۇرماچ زەنبانى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. توپا قۇرۇلمىلىق ئۆي، بامبۇك ئۆي ياكى تاش ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. بەزى جايلاردا قەدىمكى دەۋردىكى لياۋلاردىن قالغان ئادەتلەر تېخىچە ساقلىنىپ كەلگەن، قىزلار ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈستى تەرىپىدىكى بىر - ئىككى تال قوۋزۇق چىشى چېقىۋېتىلىدىكەن، بۇ ئادەت «چىش چاقىدىغان گېلاۋ» دەپ ئاتىلىدىكەن. گېلاۋ مىللىتى گېلاۋ تىلىنى ئىشلىتىدۇ، خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئەل ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن «خۇالۇڭ ئېتىشىش»، «شېشىق تۇخۇم ئېتىشىش» بار. خۇالۇڭ بامبۇك ياپراقچىدىن توقۇلغان كىچىك توپ بولۇپ، ئىچىگە چاقچۇق پارچىسى ۋە بىر - ئىككى دانە مىس پۇل سېلىنىپ، ئىككى گۇرۇپپا ئادەم ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن، شېشىق تۇخۇم خۇالۇڭدىن سەل چوڭراق بولىدۇ، ئىچىگە لىق شال پاخىلى قاچىلانغان، ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ، قول بىلەن ئېتىپ، پۇت بىلەن تېپىپ ئوينايدۇ، بەدەنگە تەگسە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
گېلاۋ مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki