UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىمېنبا مىللىتى

مېنبا مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدا، لاسادىكى بودالا سارىيى ئېتىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا پەرىزاتتەك گۈزەل قىز رېنجېنۋېڭمۇنىڭ ئۆيى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىنتايىن كېلىشكەن بىر ئاشىقى بار ئىكەن. بۇ كىشى دەل شىزاڭنىڭ دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن ھاكىمىيىتىنىڭ داھىيسى —6 - ئەۋلاد دالاي ساڭياڭجاسو ئىكەن. بۇ كاتتا راھىب ھوقۇقدار، باي ۋە مەرتىۋىلىك ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇ نۇرغۇن پاساھەتلىك ھەم تەسىرلىك ئىشقى - مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىپ، زاڭزۇ خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغانىكەن. مۇھەببەت ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ئىنتىزامنى رەت قىلىپ، بۇددا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىچكى مالىمانچىلىقتا ئۆلگەنىكەن. ساڭياڭجاسۇ شىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مېنيۈسۇڭ رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مېنبا خەلقى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئوغلان ھېسابلىنىدۇ. زاڭزۇ تىلىدا «مېنبا» نىڭ مەنىسى «مېنيۈدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. مېنيۈنىڭ ئورنى شىزاڭنىڭ سوناشيەن ناھىيىسىدە بولۇپ، بۇ جاي مېنبالىقلار ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم مېنبا كىشىلىرى موتو، لىنجى قاتارلىق ناھىيىلەردە ئولتۇراقلاشقان. مېنيۈ رايونى بىلەن موتو ناھىيىسى ھىمالايا تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەر ئىپتىدائىي ئورمانلار بىلەن قاپلانغان. مېنبالار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئوۋچىلىقمۇ قىلىدۇ. مېنبالار ئادەتتە قىزىل رەڭلىك يۇلۇ نىمچىسى كىيىدۇ، بېشىغا كىگىز قالپاق، پۇتىغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن مەسە كىيىدۇ، ئاياللار كۆڭلەك كىيىدۇ، ھەر خىل بېزەكلەرنى تاقىۋېلىشقا ئامراق، ئەرلەر بېلىگە پىچاق ئېسىۋالىدۇ. ئۆينىڭ تۇرۇسى كۆپىنچە ياغاچ، بامبۇك ياكى ئوت - چۆپلەر بىلەن يېپىلىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قەۋەت بولىدۇ. ئۈستىدە ئادەم ئولتۇرىدۇ، ئاستىنقى قەۋىتىدە چارۋىلار تۇرىدۇ. مېنبالار ئومۇميۈزلۈك لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندە كۆپىنچە سۇغا ياكى تۇپراققا دەپنە قىلىدۇ، كۆيدۈرىدىغانلارمۇ، ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بار. مېنبالارنىڭ ئۆز تىلى بار، زاڭزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
مېنبا مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki