UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىبۇيى مىللىتى

بۇيى مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار بۇيى مىللىتى ھازىرقى گۇيجۇنىڭ داڭلىق خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى ئەتراپىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا بەي مېي ئىسىملىك بىر چىرايلىق قىز چوڭ باي سۇماڭنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، مەشۇقى مۇگې بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ. بەي مېي ئاق رەختنى دەرياغا، موكىنى قولۋاققا ئايلاندۇرۇپ قولۋاق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ، سۇماڭ چوڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئارقىدىن قوغلاپ مېڭىپتۇ. خۇاڭگوشۇ ئەتراپىغا كەلگەندە، بەي مېي بەل پوتىسىدىكى قارلىغاچ قۇيرۇقىنى قايچىغا ئايلاندۇرۇپ، دەريانى كېسىپ ئىككى بۆلەك قېلىۋېتىپتۇ، كەينىدىكى سۇماڭ بىراقلا تېگى يوق يارغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. دەريا سۈيى تېگى يوق ياردىن چۈشۈپ ھازىرقى گۈزەل، ھەيۋەتلىك خۇاڭگوشۇ چوڭ شارقىراتمىسىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. بۇيىلار ئاساسلىقى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن بۇيى - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ۋە شىڭيى، ئەنشۈن ۋىلايىتىنىڭ بىرقانچە بۇيى - مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ۋېي، جىن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە بولغان دەۋرلەردە، بۇيى مىللىتى بىلەن جۇاڭزۇ مىللىتى «لىلياۋ» دەپ ئاتالغان، كېيىن ئۇزاق مەزگىل ئايرىم ئولتۇراقلاشقاچقا، ئىككى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇڭا، بۇيى مىللىتىنى جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۇيىلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىدىن باشقا، يەنە «گۇيجۇ ئېگىزلىكىنىڭ گۈلى» دەپ ئاتالغان خۇاشى ئېقىنىمۇ بار. ئۇ يەرنىڭ يەرلىرى مۇنبەت بولۇپ، دېھقانچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدۇ، كېۋەز، ئاگاۋا، بامبۇك نوتىسى، بانان، خۇاڭگۇ، شۇنىڭدەك قارىغاي، شەمشاد، چىڭگاڭ قاتارلىق بىناكارلىق ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ. موم بىلەن گۈل بېسىش بۇيىلارنىڭ قىممەتلىك ھۈنەر - سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇيى ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ پەشلىك قىسقا چاپان ياكى ئۇزۇن چاپان كىيىدۇ، بېشىغا كۆك ياكى تەكتى ئاق كۆك چاقماق ياغلىق چىگىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى سول تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان چوڭ چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان ياكى چۆرىسىگە گۈل چېكىلگەن قىسقا چاپان ھەمدە موم بىلەن گۈل بېسىلغان ئۇزۇن گارمون يوپكىنى سەپلەپ كىيىدۇ. بايرام كۈنلىرى ئاياللار يەنە كۈمۈشتىن ياسالغان ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى تاقىۋالىدۇ. بۇيىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جىن - ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بەزىلىرى كاتولىك دىنى، خرىستىئان دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئوغۇل - قىزلار مۇھەببەتلىشىشتە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئەركىن، «گەنياۋ» دەيدىغان ئادەت كەڭ ئومۇملاشقان، يەنى نىكاھلانمىغان ئوغۇل - قىزلار بايرام كۈنلىرى، بازار كۈنلىرى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بىر يەرگە يىغىلىشىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئەگەر قىزنىڭ بىرەر يىگىتكە كۆزى چۈشۈپ قالسا، كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان تۈگمىگۈلىنى ئۇنىڭغا ئاتىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككىسى يىغىلىش ئورنىدىن يىراق بولمىغان جايغا بېرىپ ناخشا ئېيتىشىپ، ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. بۇيى مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار.1956 - يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى. بۇيى خەلق ناخشىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، مەي ناخشىسى، مۇھەببەت ناخشىسى، ئەمگەك ناخشىسى قاتارلىقلار بار. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە بايرام كۈنلىرى ناخشا ئاۋازى كېچە - كۈندۈز توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مىس دۇمباق بۇيىلار ئەزەلدىن ئەتىۋارلاپ كەلگەن ئەنئەنىۋى چالغۇ، ئۇنى داغدۇغىلىق بايرام كۈنلىرىلا چالىدۇ
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى