UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىتاتار مىللىتى

تاتار مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار تاتار «دادەن» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن تاتارلار دېگەن مىللەت نامى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ئىدى. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى خەلقلەر موڭغۇللارنى تاتارلار دەپ ئاتىغان. مىلادىيە15 - ئەسىردە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىدا قازان دۆلىتى باش كۆتۈرگەن. ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ئاتايدىغان تاتارلار مەزگىلىدە بىر مىللەت سۈپىتىدە مانا مۇشۇ جايدا شەكىللەنگەن. جۇڭگودىكى تاتارلار19 - ئەسىرنىڭ20 -،30 - يىللىرىدىن كېيىن بىر - بىرلەپ روسىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن. تاتار مىللىتى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىغا ماكانلاشقان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەرلەر ئاق كانىۋاي كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە قىسقا پىنجەك كىيىۋالىدۇ ياكى ئۇدۇل پەشلىك قارا كۆڭلەك كىيىدۇ. قىز - چوكانلىرى مارجان دوپپا كىيىدۇ، ئاق، سېرىق ياكى سۆسۈن رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، ئۇلار تەم تەڭشەشكە بەكمۇ ئۇستا بولۇپ، پىشۇرۇلغان تۈرلۈك تاتلىق - تۈرۈملىرى ئىنتايىن تەملىك، يېيىشلىك بولىدۇ. تاتارلار ئادەتتە تەكشى ئۆگزىلىك كېسەك ئۆيلەردە تۇرىدۇ ۋە ھويلا چۆرۈۋالىدۇ، تامغا گىلەم تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار تولىمۇ پاكىز كېلىدۇ. چارۋىچىلىق رايونىدىكى تاتارلار تولاراق چېدىر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تۈرلۈك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىغا «قۇرئان» غا ئاساسەن ئىسىم قويىدۇ. بوۋاق40 كۈنلۈك بولغاندا40 يەردىن سۇ ئېلىپ كېلىپ بالىنى يۇيۇندۇرۇپ، بالىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى تىلەيدۇ. بالا قۇرامىغا يەتكەندە، ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قويۇپ، فامىلە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، جەسەتنى ئاق رەخت بىلەن يۆگەپ قويىدۇ، مېيىت ئۇزاتقۇچىلار بىر سىقىمدىن توپىنى ئېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ، قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن دەپنە قىلىدۇ. تاتارلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولغان. تاتارلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، ھەر يىلى ئەتىيازدا «ساپان» بايرىمى (يەر ھەيدەيدىغان ساپان)دا ناخشا - قوشاق، چېلىشىش، بەيگە، ئارغامچا تارتىشىش ۋە يۈگۈرۈش قاتارلىق ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
تاتار مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki