بەيزۇ مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ھەر يىلى يازلىق كالېندار بويىچە3 - ئاينىڭ15 - كۈنى، بەيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىغىلىش كوچا سەيلىسى باشلىنىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسى دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ديەنساڭ تېغى ئېتىكى بىردىنلا ئاۋات «بازار» ئەرشىدىن پەرىشكە چۈشكەن ئاۋاز «بازار» دەكلا قىزىپ كېتىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، بەيگە، شىر ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى تاماشا قىلىدۇ ھەمدە ماددىي ئەشيا ئالماشتۇرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى شەپقەتچى مەبۇدە راكساسنى بويسۇندۇرۇپ، دالى توسمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەيزۇ خەلقى ھەر يىلى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈجە كۆيدۈرۈپ، نەزىر - چىراغ قىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى شەپقەتچى مەبۇد بايرىمى بولۇپ قالغان.
بەيزۇلار ئۆزلىرىنى «بەيزى»، «بەينى» لار دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «ئاق تەنلىكلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. سىچۇەننىڭ شىچاڭ ۋە گۇيجۇنىڭ بىجىي قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئاز ساندىكى بەيزۇلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بەيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى مۆتىدىل بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدۇ، شۇڭا بۇ يەرلەر «ئاشلىق، پاختا ماكانى» دەپ ئاتالغان. ئېرخەي كۆلى جايلاشقان ديەنساڭشەن تېغىدىن مەرمەر تاش كۆپ چىقىدۇ، بۇ جۇڭگو - چەت ئەلگە داڭلىق بىناكارلىق ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بەيزۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكى كۆك، ئاق ۋە قارا رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. ئەر - ئاياللار بېشىغا رەخت ئورىۋالىدۇ. ياتلىق بولغان ئاياللار چېچىنى تۈرمەكلىۋالىدۇ، توي قىلمىغانلىرى چېچىنى قويۇپ بېرىدۇ ياكى چېچىنى ئۆرۈپ تۈگۈۋالىدۇ. ئۇلار چۈچۈمەل، سوغۇق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ۋە كاۋر چېيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بەيزۇلار سۈنشې ئىلاھى «بېنجۇ» غا چوقۇنىدۇ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئېرخەي كۆلى رايونىدا ئىبادەتخانىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «ئېسىل، قەدىمىي زېمىن» دېگەن نامى بار.
بەيزۇلار خەنزۇلار بىلەن بۇرۇندىنلا ئالاقە قىلىپ كەلگەچكە، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن، بەيزۇلارنىڭ تىلىدا نۇرغۇن خەنزۇچە سۆزلۈك بار. بەيزۇلار ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئەدەبىيات، ھۈنەر - سەنئەت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. «بەيزۇ قوشاقلىرى» ناھايىتى كەڭ تارالغان ۋەزىنلىك شېئىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق «شىر ئۇسسۇلى» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن. بەيزۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى زور شۆھرەتكە ئىگە، بولۇپمۇ سىرلانغان بۇيۇملىرى تېخىمۇ داڭلىق. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان چۇڭشېن ئىبادەتخانىسىدىكى ئۈچ مۇنارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى60 مېتىر،16 پەلەمپەيلىك بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. «جەنۇبىي جاۋ جۇڭشىڭ بەگلىكى رەسىملىرى» جانلىق، گۈزەل ۋە نەپىس بولۇپ، قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىدۇر.