بۇلاڭ مىللىتى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ئىلگىرى، بۇلاڭ يىگىتلىرىنىڭ بەدىنىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئۆرپ - ئادىتى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بەدىنىگە گۈل چېكىۋالغاندا يامانلىقنى نېرى قوغلاپ، رەزىللىكتىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى، تاسادىپىي زىيانكەشلىكتىن ساقلانغىلى بولارمىش. بۇلاڭ مىللىتى بەدىنىگە گۈل چېكىشنى بىر خىل بەدەندىكى گۈزەللىك ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ پەخرى دەپ قارايدۇ.
بۇلاڭ مىللىتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «پۇزىمەن» دەپ ئاتالغان قوۋمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قىسمى، ئۆزلىرىنى «بۇلاڭ»، «ئاۋا» دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان. ئۇلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چىلگە شال تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاڭشەن تېغى بەلۋېغىدا چاي كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، داڭلىق پۇئېر چېيى چىقىدىغان مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ.
بۇلاڭ ئەرلىرى ئۇدۇل پەشلىك ياقىسىز چاپان ۋە ئۇزۇن ھەم چوڭ قارا ئىشتان كىيىدۇ. بېشىغا قارا ياكى ئاق رەخت ئورىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى دەيزۇ ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇچىسىغا بەدەنگە چىپتا كېلىدىغان ياقىسىز كوپتا ۋە قىزىل، يېشىل ياكى قارا كاناي يوپكا كىيىدۇ، چېچىنى تاراپ بېشىنىڭ چوققىسىغا تۈرمەكلىۋالىدۇ. بۇلاڭلار رېشاتكا شەكلىدىكى بامبۇك راۋاقتا تۇرىدۇ، چۈچۈمەل، ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاماكا، ھاراقنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار سىپارى چايناشقا بەكمۇ ئامراق بولۇپ، چىشىنى قارىغا بويىۋېتىشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ.
بۇلاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى جىن - شاياتۇنلارغا ئىشىنىدۇ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. دەيزۇ مىللىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شىشۇاڭبەننا رايونىدىكى بۇلاڭ مىللىتىمۇ بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، «قوۋۇق ئېچىش بايرىمى»، «قوۋۇق يېپىش بايرىمى» قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
بۇلاڭ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق، بىر قىسىم كىشىلەر خەنزۇ يېزىقى ۋە دەيزۇ يېزىقى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلار ئۇسسۇل ئوينىغاندا دائىم پىل تاپانسىمان دۇمباق، باڭ ۋە ئۈچ تارلىق سازنى تەڭكەش قىلىدۇ. بۇلاڭشەن بەلۋېغىدىكى كىشىلەر «قىلىچ ئۇسسۇلى» ئويناشنى، ياشلار «چەمبەر» ئۇسسۇلى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى بۇلاڭ خەلقى ئارىسىدا ھېيت - بايرام ۋە توي - تۆكۈنلەردە «سەكرەش ئۇسسۇلى» ئويناش ئەۋج ئالغان بولۇپ، كېچىچە ناخشا - ئۇسسۇلنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ