UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو مىللەتلىرىئۆزبېك مىللىتى

ئۆزبېك مىللىتى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، روسىيە تەۋەسىدىكى ئۆزبېكلەر كەينى - كەينىدىن جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ جۇڭگودىكى ئۆزبېك مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۆزبېك مىللىتىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۆزبېك ئەرلىرى ئۇزۇن تون كىيىدۇ، چۇچا چىقىرىپ بەل باغلايدۇ، ئاياللىرى كەڭ ئېتەكلىك قاتلاق كۆڭلەك كىيىدۇ، بەلۋاغ باغلىمايدۇ. ئىلگىرى ئاياللار ۋە قىزلار سىرتلارغا چىققاندا جەزمەن چۈمبەل تارتىشى كېرەك ئىدى. ئەر - ئاياللار ھەر خىل دوپپىلارنى كىيىدۇ، پۇتىغا ئۆتۈك كىيىپ، ئۆتۈك ئۈستىگە كالاچ كىيىۋالىدۇ. ئۆزبېكلەر ئۈچ ۋاقلىق تامىقىدا نان ۋە ئەتكەنچايدىن ئايرىلمايدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، چوشقا گۆشى، ئىت گۆشى، ئېشەك گۆشى ۋە قېچىر گۆشى يېمەيدۇ. كالا، قوي، ئات گۆشلىرى ۋە ھەسەل ھەمدە مۇرابباغا ئامراق. گۆشنى پىشۇرۇپ ئۇششاق چاناپ، پىياز، قېتىق ۋە شورپا ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىدىغان «نارىن» ئۇلارنىڭ مىللىيچە تامىقى بولۇپ، مېھمانغا قويىدىغان غىزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆگزىسى تۈز كەلگەن، كېسەكتىن قوپۇرۇلغان چاسا شەكىللىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، كۆپىنچە تام مەش بىلەن ئىسسىنىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، يەكەن ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بىرقەدەر چوڭ مەسچىتلەرنى بىنا قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، يېزىقى يوق بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئۆزبېكلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلى لەرزان ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن جاھانغا مەشھۇر، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى داپ ئۇسسۇلىدا روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ رىتىمى بىرقەدەر تېز ۋە تولىمۇ مۇڭلۇق. مىلادىيە19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى، ئۆزبېكلەر سودىگەرچىلىكنى ئاساس قىلغان. دەسلىپىدە ئۇلار كارۋان تەشكىللەپ، توپ - توپ تۆگە، ئات ۋە قېچىرلارغا مال ئارتىپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىلىقىدا قاتناپ سودىگەرچىلىك قىلغان، كېيىنچە ماگىزىن ئاچقان. ئۆزبېك ئاياللىرى كەشتىچىلىككە ماھىر. مورى، گۇچۇڭ، كۈنەس قاتارلىق جايلاردىكى ئۆزبېكلەر چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قەشقەر، يەكەن، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاز ساندىكى ئۆزبېكلەر يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسلىقى كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى تېرىيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو مىللەتلىرى
ئۆزبېك مىللىتى | UyghurWiki | UyghurWiki